ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
بەش قولدەك بىلمەك؛ ئېنىق بىلمەك.
بەك ئارقىدا قالماق؛ زادىلا يېتىشەلمەسلىك.
بەك يېقىن، ئارىغا قىل سىغماسلىق؛ ناھايىتى زىچ.
بەگ-خوجامللارنىڭ قولتۇقىغا كىرىۋالماق؛ كاتتا ئادەملەرگە خۇشامەتچىلىك قىلماق؛
بەل باغلىغان بىلەن ئەر ئەمەس، چاچ تارىغان بىلەن خوتۇن.
بەيگە ئالماق؛ بىرىنچىلىكنى ئالماق.
بر تال چوكىنى سۇندۇرماق ئاسان، بر باغلام چوكىنى سۇندۇرماق قېيىن.
بوران بۇلۇتنى سۈرگەندەك؛ سۈرۈپ توقاي قىلىۋەتمەك؛ بىردىنلا يوقاتماق.
بوران توختاپ، دولقۇن پەسەيمەك؛ تىنچىماق.
بوران-چاپقۇن بولماق؛ جۇدۇن بولماق. بالا-قازا تەڭ كەلمەك.
بوران-چاپقۇنمۇ توسقۇن بولالماسلىق.
بوران-چاپقۇننىڭ زەربىسىگە ئۇچرىماق.
بوران-چاپقۇن ۋە جەبىر-جاپالارنى باشتىن كەچۈرمەك.
بوران چىقمىسا دېڭىز دولقۇنلىماس، شامال چىقمىسا دەرەى لىڭشىماس.
بوشاشماي دائىم تەييار تۇرماق.
بوشاشماي قەتئىي داۋاملاشتۇرماق. بوشاشماي چىڭ تۇرماق.