ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
باشقا كۈن چۈشمەك؛ بالا-قازاغا يولۇقماق.
باش قايماق؛ باش قېيىپ دەلدەڭشىمەك. تۆپىسى چوڭ، ئاساسى ئاجىز؛ بېشى چوڭ، ئايىغى كىچىك.
باشقىچە بىر دۇنيا؛ ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرە.
باشقىچە ئۇسلۇب؛ ئالاھىدە ئۇسۇل.
باشقىدىن تەڭشەپ، بۆلەك پەدىگە چالماق.
باشقىدىن قازان ئاسماق؛ يېڭىۋاشتىن تۇتۇش قىلماق.
باشقىلار بىلەن بىر قاتاردا ماڭماق؛ باشقىلارغا ئەگىشىپ كەتمەك.
باشقىلاردىن پەرقلىق؛ باشقىلارغا ئوخشىماسلىق؛ باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرماق.
باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرماق.
باشقىلاردىن ئېشىپ چۈشمەك.
باشقىلارغا زىيان سېلىپ، ئۆزى پايدا ئالماق؛ باشقىلارغا زىيان سېلىش ھېسابىغا ئۆزى پايدا ئالماق.
باشقىلارغا قەدەممۇ قەدەم ئەگىشىپ ماڭماق؛ خەق نېمىنى قىلسا، شۇنى قىلماق؛ دورامچىلىق قىلماق.
باشقىلارغا ئۇستاز بولۇشقا ھېرىسمەن بولماق؛ باشقىلارنىڭ ئالدىدا بىلەرمەنلىك قىلماق؛ خەققە نەسىھەت قىلىشقا ئامراق.
باشقىلارغا ياردەم بىرىشنى خۇشاللىق ھېسابلىماق؛ خەققە ياردەم قىلىشنى خۇشاللىق دەپ بىلمەك.
باشقىلارغا يەم بولماق؛ ھايات-ماماتى باشقىلارنىڭ قولىدا بولۇپ قالماق؛ تەقدىرى باشقىلارنىڭ قولىدا بولۇپ قالماق.
باشقىلارنىڭ رايىغا بېقىش ئىش كۆرمەك؛ خەقنىڭ ئاغزىغا قاراپ قالماق؛ بىراۋغا بېقىندى بولۇپ قالماق؛ تىزگىنىنى خەققە تۇتقۇزۇپ قويماق.
باشقىلارنىڭ سايىسىدا كۈن كەچۈرمەك؛ باشقىلارنىڭ پاناھىدا جان باقماق؛ خەقنىڭ قولىغا قاراپ قالماق.
باشقىلارنىڭ كۆڭلىنىمۇ ئۆز كۆڭلىدەك چۈشەنمەك؛ ئۆزىنىڭ روھىي ھالىتىگە قاراپ باشىقىلارنىڭ ھالىغا يەتمەك.
باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق بولماق.
باشقىلارنىڭ ھالىغا يەتمەك؛ دەردىنى چۈشمەك.