ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
بايقاپ سۆزلەپ، ئاۋايلاپ دەسسىمەك؛ سۆز ۋە ھەرىكەتتە ئېھتىياتچان بولماق.
بايلىق ئادەمنى مەست قىلۇر.
بايلىق-ئاقما بۇلۇت؛ پۇل دېگەن قولنىڭ كىرى.
باينىڭ بىر ۋاقلىق نازۇ-نېمىتى، كەمبەغەلنىڭ يېرم يىللىق ئوزۇق-تۈلۈكى.
باينىڭ قىزىغا باي خېرىدار، كەمبەغەلنىڭ قىزىغا كەمبەغەل.
باينىڭكىنى تارتىۋېلىپ، گادايغا بەرمەك.
بەئەينى تەەسۋىرلىمەك؛ جانلىق سۈرەتلىمەك
بەتخەج؛ بەتخەجلىك قىلماق.
بەخت-سائادتتىمۇ، جەبىر-جاپادىمۇ بىللە بولماق؛ خۇشاللىقتىمۇ، قايغۇدىمۇ بىللە بولماق.
بەختسىز ئايال؛ خار-زارلىققا قالغان ئايال؛ كوچىدا قالغان ئايال.
بەخت ئىچىدە ياشاپ تۇرۇپمۇ، بەخت ئىزدەپتۇ.
بەخىت ئاتا قىلىنغان جاي؛ دۇنيانىڭ جەننىتى
بەخىرامان يۈرمەك؛ ئەركىن-ئازادە يۈرمەك؛ بېشى قايغان پۇتى تايغان يەرلەردە يۈرمەك.
بەدەن ھۈللىتە قىزىماق؛ ئوتتا كۆيگەندەك بولماق؛ ئوتتا پۇچىلانغاندەك بولماق.
بەدىنىنىڭ ساق يېرى قالماسلىق؛ تىتىلىپ كەتمەك. رەسۋاسىنى چىقارماق؛ ئەبجىقىنى چىقارماق.
بەز يېمەيدىغان مۈشۈك يوق.
بەس-بەس بىلەن؛ بىر-بىرىدىن قېلىشماي؛ بىر-بىرىگە يول بەرمەي.
بەسلەشمەك؛ بەس-بەس بىلەن.
بەش بارماق ئېغىزغا تەڭ سىغماس.