ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
باشقىلارنىڭ ئىختىيارىدا بولماق؛ باشقىلارنىڭ ئىلكىدە بولماق؛ خەقنىڭ ئاغزىغا قارىماق.
باشقىلارنىڭ ئىزىدىن ماڭماق؛ خەقنىڭ كەينىدىن ئەگەشمەك.
باشقىلارنىڭ ياخشى گىپىنى قىلماق؛ باشقىلارنى ياخشى تەرىپىنى قىلماق.
باشقىلارنىڭ ياردىمى بىلەن كەمچىلىك-خاتالىقلىرىنى تۈزەتمەك. مۇ دېيىلىدۇ.
باشقىلارنىڭ يامانلىقىنى يېپىپ، ياخشىلىقىنى تىلغا ئالماق؛ خەقنىڭ ئەيىبىنى يېپىپ، ياخشى تەرىپىنى تىلغا ئالماق.
باشقىلارنى ئۆزىدەك چاغلىماق؛ باشقىلارنى ئۆزىنىڭ كۆڭلى بىلەن ئۆلچىمەك؛ باشقىلارغا باھا بېرىشتە ئۈزىنى ئۆلچەم قىلماق؛ باشقىلارنى ئۆز تارازىسى بىلەن ئۆلچىمەك.
باشقىلار ئۈچۈن ئۆز مەنپەئىتىدىن كەچمەك.
باش كۆتۈرمەي ئىشلىمەك؛ باش چۆكۈرۈپ ئىشلىمەك.
باشلىغان ئىشنى ئاخىرىغا چىقارماق؛ ئىشنى باشلىما، باشلىساڭ توختىما؛ ئىشنى باشلىغانكەنسەن، ئاخىرغا يەتكۈز؛ تۇتۇش قىلغان ئىشنى يا نېرى، يا بېرى قىلماي قويماسلىق.
باشنى ئاياغ، ئاياغنى باش قىلىپ قويماق؛ باش-ئايىغىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ قويماق.
باش ئېگىپ ئىتائەت قىلماق.
باش ئېگىپ ئىتائەت قىلماق؛ باش ئەگمەك؛ بويسۇنماق.
باش ئىگىپ تىز پۈكمەك؛ ئىتائەتمەنلىك قىلماق.
باغرى قاتتىق؛ تاش يۈرەك؛ باغرى تاش.
باغرى قاتتىق؛ رەھىمسىز؛ تاش يۈرەك.
باغرى قاتتىق؛ قاتتىق قول؛ تاش يۈرەك.
باغقا كىرىپ شەپكەڭنى ئالما، قوغۇنلۇققا كىرىپ ئايىغىڭنى يەشمە.
باغلاقلىق ئىت ئوۋغا يارىماپتۇ.
باغلىما سۆز؛ شېرىن سۆز؛ ياغلىما سۆز قىلماق.
بالا ئانىدىن ئايرىلالماس، ئامما پارتىيىدىن (ئايرىلالماس).