ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
بالا ئانىسىنى يامان دېمەس، ئىت ئىگىسىنى.
بالا-چاقىدىن ئايرىلماق؛ بالا-چاقىلار تۇزۇپ كەتمەك؛ ئائىلە سەرسان بولۇپ كەتمەك.
بالا چوڭ بولدى، قۇلىقى پاڭ بولدى.
بالا-قازا پەردە ئىچىدىن چىقار؛ يېغى ياندىن قوپار، بالا كەلسە قېرىنداشتىن.
بالا-قازاغا ئۇچرىماي، تىنىچ-ئامان تۇرماق؛ خەۋپ-خەتەردىن ئامان قالماق.
بالا-قازا كۆرۈنۈپ كەلمەس، پۇت-قولىنى ساڭگىلىتىپ.
بالا ئۆستىگە قازا كەلمەك؛ ئۆلگەننىڭ ئۈستىگە تەپمەك؛ دەرد ئۈستىگە دەرد كەلمەك؛ بەخىتسىزلىك ئۈستىگە بەخىتسىزلىك كەلمەك.
بالا يىغىلىمىسا ئەمچەك سالمايدۇ.
بالدۇر كۆرۈشنى بەخىت سانىماق؛ كۆرۈشكە ئالدىراپ كەتمەك؛ كۈرۈشكە تەقەززا بولماق.
بالىسى كۆپ خوتۇنغا ئەت قونماس.
بالىنى چىڭ تۇتۇش كۆيۈنگەنلىك، مەيلىگە قويۇۋېتىش زىيانكەشلىك.
بالىنى ياشتىن ئۆگەت، خوتۇننى باشتىن.
باھار قارلىرى (ناخشا نامى)؛ بەدىئىيلىكى يۇقىرى مۇزىكا؛ ئاممىباب بولمىغان ئەسەر.
باھانە-سەۋەب كۆرسىتىپ رەت قىلماق؛ تۈرلۈك سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ باش تارتماق.
باھانىڭ ئۆرلىشىنى كۈتمەك؛ باھاسىغا چىققاندا ساتماق؛ناز قىلىپ ئۆزىنى بازارغا سالماق (ئۆز قەدىر قىممىتىنى ئاشۇرماقچى بۇلۇشقا تەمسىل قىلىنىدۇ).
بايراقنى چۈشۈرۈپ، دۇمباقنى توختاتماق؛ جىمجىت توختىتىپ قويماق؛ يىغىشتۇرۇپ قويماق.
بايغا كۈندە بايرام، كۈندە توي، كەمبەغەلگە كۈندە قايغۇ، كۈندە ئوي.
باي-غوجاملار ئۆيلىرىدە نازۇ نېمەت سېسىپ ياتقان، زىمىستاندا بىچارىلەر كوچىلاردا ئۆلۈپ ياتقان.