ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
باش تارتىپ بولمايدىغان؛ زىممىگە ئېلىش ھەقلىق بولغان.
باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيەت؛ باشقىلارغا ئىتتىرىپ قويۇشقا بولمايدىغان بۇرچ؛ ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەجبۇرىيەت.
باشتا غادىيىۋېلىپ، ئاخىرىدا تەزىم قىلماق.
باش توخۇدا تۇرۇپ مەشىق قىلماق.
باش تىققۇدەك ماكان، پۇت قويغۇدەك يەر بولماسلىق.
باش تىققۇدەك يەر؛ پۇت قويغۇدەك يەر؛ ئالقانچىلىك يەر.
باشتىكى چاچتىنمۇ تولا؛ ھەددى-ھېسابى يوق.
باشتىن-ئاخىر بوشاشلماسلىق؛ ھارماي-تالماي.
باشتىن-ئاخىرغىچە؛ باشتىن-ئاياغ؛ ئىزچىل تۈردە.
باشتىن-ئاخىر ئېغىشماسلىق؛ باشتىن-ئاخىر قەتئىي تۇرماق؛ باشتىن-ئاخىر ئۆزگەرمەسلىك.
باشتىن-ئاخىرى ئىھتىياتچان بولماق؛ ئىزچىل ئېھتىياتچان بولماق.
باشتىن-ئاياغ بىردەك بولماق.
باشتىن كەچۈرگەن دەرد-ئەلەم.
باش جىنايەتچى؛ باش جاۋابكار.
باشقا-باشقا ساھەلەردە ( زامانلاردا) يېتىلىپ چىققان داڭلىق ئادەملەر.
باش قاتۇرماق، قاتتىق باش قاتۇرماق؛ ئويلانماق،
باشقا تىكىلگەن بالا؛ ھالاكەتلك ئاپەت؛ ھالاكەتلىك بالا-قازا؛ دەھشەتلىك ئاپەت.
باشقا كەلگەندە باتۇر.
باشقا كەلگەننى كۆرمەك؛ تەۋەككۈل قىلماق.
باشقا كەلگەننى كۆرمەي ئامال يوق؛ باشقا كەلگەن بالادىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولماس.