ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
باتۇر يېرىم يولدا يالتايماس.
بادرا بىلەن ئاسماننى ئۆلچىگىلى بولماس.
باراقسان ئۆسكەن بىلەن باشاق چىقارمىغان؛ ھۈنىرى بارۇ، نەتىجىسى يوق؛ ئېتى ئۇلۇغ، سۇپرىسى قۇرۇق.
بار ئاۋازى بىلەن ناخشا ئېيتماق؛ ياڭرىتىپ ناخشا ئېيتماق.
بار بولسا تۈزىتىش، يوق بولسا ساقلىنىش.
بار پۈتۈن ئالەمدە بىزنىڭ چىن قەلبداش دوستىمىز، بۇ جاھاننىڭ ئۇ چېتىمۇ ئەڭ يېقىن تام قوشنىمىز.
بار تاۋىقىم، يان تاۋىقىم.
بار تاۋىقىم يان تاۋىقىم، يانمىساڭ سۇن تاۋىقىم.
بار چاغدا ھەپىرەڭ، يوق چاغدا زەپىرەڭ.
بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش، ھەممە ئېقىملار بەس-بەستە سايراش.
بارسا كەلمەسكە كەتمەك؛ مەڭگۈگە يوقالماق.
بارسا كەلمەسلىك.
بارغانسېرى ئەۋزەيلەپ كەتمەك؛ تېخىمۇ بەتتەرلىشىپ كەتمەك.
بارغانسېرى خارابلاشماق؛ يىلدىن يىلغا بەتتەر.
بارغانسېرى كۆپەيمەك؛ ئۈست-ئۈستىگە قوشۇلۇپ بارماق.
بار كۈچ بىلەن كىرىشمەك. پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلانماق؛ بار كۈچى بىلەن تىرىشماق.
بار كۈچىنى سەرپ قىلماق؛ بارلىق كۈچ بىلەن؛ ھەممە كۈچىنى ئايىماسلىق.
بارگاھ تىكمەك؛ بارگاھ قۇرۇپ جايلاشماق؛ ئىستىھكام قۇرماق.
بارلىق ئاماللار بىلەن؛ قولدىن كېلىدىغانلىكى ئاماللارنى ئىشقا سېلىپ.
بارلىق جانلىق مەۋجۇداتلار. ئاددىي ئادەملەر.