ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ئەيش-ئىشرەت دۇنياسى. ئاۋات شەھەر.
ئەيش-ئىشرەت، كەيپ-ساپا.
ئەيش-ئىشرەت ، كەيپ-ساپاغا بېرىلىپ كەتمەك، چىرىك تۇرمۇشقا چۆكۈپ كەتمەك.
ئەيش-ئىشرەت، كەيپ-ساپالىق تۇرمۇش.
ئەيش-ئىشرەت، كەيىپ-ساپا؛ راھەتپەرەسلىك؛ راھەت-پاراغەتكە بېرىلىپ كەتمەك.
ئەيش-ئىشرەتلىك تۇرمۇش كەچۈرمەك؛ راھەت-پاراغەتلىك تۇرمۇش كەچۈرمەك.
ئەيش-ئىشرەت ۋە ئويۇن-تاماشىغا بېرىلمەك؛ ئەيش-ئىشرەتلىك، كەيىپ-ساپالىق تۇرمۇش كەچۈرمەك.
ئەينەكتەك پارقىراتماق.
ئەينەكتىكى گۈل، سۇدىكى ئاي؛ قۇرۇق خىيال؛ تۇتۇرۇقسىز نەرسە.
ئەينى بويىچە قوبۇل قىلماق؛ شۇ پېتى ئىشلەتمەك؛ ئاق-قارىنى پەرق ئەتمەي ئۆزلەشتۈرمەك.
ئەيىبلىگۈچىكى يوق؛ ئەيىبلىگۈدەك ھېچنىمىسى يوق؛ گەپ سىغمايدىغان؛ قىل سىغمايدىغان.
ئەيىبىنى بوينىغا ئېلىپ ئۆز-ئۆزىنى ئەيىبلىمەك.
باپكار ئىشتانسىز، موزدۇر يالاڭ ئاياغ.
باتۇر ئەزىمەت يولۋاسقا مىنىدۇ، توخۇ يۈرەك مۈشۈككە (مىنىدۇ).
باتۇر جەڭدە ئۆلىدۇ، ھۇرۇن كاڭدا (ئۆلىدۇ).
باتۇر جەڭدە يېتىلىدۇ، ئەسكەر مەشىقتە (يېتىلىدۇ).
باتۇر كارامىتىنى كۆرسىتىدىغانغا سورۇن تاللىمايدۇ.
باتۇرلۇق بىلەن ئالغا باسماق؛ جاسارەت بىلەن ئىلگىرلىمەك.
باتۇرمۇ ساھىبجامالنىڭ دامىغا چۈشەر.
باتۇرنى مەيداندا سىنا، سۆزمەننى دەۋادا.