ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ئەمەلدارلار راھەت-پاراغەتتە ياشىماق.
ئەمەلدارلارنىڭ ئوت قويۇشىغا رۇخسەت، پۇقرالارنىڭ سەرەڭگە يېقىشىغا رۇخسەت يوق؛ ئەمەلدارلار ئوت قويسا يوق ئىكەن سوراق، پۇقرالار ياقالماپتۇ ھەتتا جىن چىراغ.
ئەمەلدارمۇ، پۇقرامۇ بولالايدىغان.
ئەمەلدارنىڭ ئوت قويۇشىغا رۇخسەت، پۇقرانىڭ چىراغ يېقىشىغا رۇخسەت يوق.
ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولماسلىق؛ كۆز يەتسىمۇ قول يەتمەسلىك.
ئەمەلىيەتكە بېقىپ ئىش كۆرمەك؛ ئوبېكتىپ ئەھۋالنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ ئىش كۆرمەك.
ئەمەن ئەسكەر كۆرۈنۈپتۇ؛ قورققانغا قوش كۆرۈنەر؛ ئۆز سايىسىدىن قورقۇپ كەتمەك.
ئەمدىلا كۆتۈرۈلۈۋاتقان قۇياشتەك.
ئەمرىمەرۇپ ۋە نەھى-مۇنكىر؛ كونا قائىدە-يوسۇن؛ كونا قائىدە-تەرتىپ.
ئەمگەك بىلەن ئەر كۆكىرەر، يامغۇر بىلەن يەر.
ئەمگەك بىلەن ئەر كۆكىرەر،يامغۇر بىلەن يەر (كۆكىرەر).
ئەمگەك بىلەن دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرمەك.
ئەمگەك قىلساڭ يەر سېخى.
ئەمگەككە تايانساڭ ئالىسەن ئوزۇق، ئاسمانغا تايانساڭ قالىسەن قۇرۇق.
ئەمىر-پەرمانغا ئەمەل قىلماق.
ئەمىلى تۆۋەننىڭ گېپى ئۆتمەس؛ ئابرويى تۆۋەننىڭ گېپى ئۆتمەس.
ئەمىلىدىن قورقما، ئەلىمىدىن قورۇق.
ئەمىلى ئۆستى، ئەلىمىمۇ ئۆستى.
ئەمىلى يوقنىڭ غېمى يوق؛ ئەمىلىي يوقنىڭ يۈكى يېنىك؛ ئېشىكى يوق موللامنىڭ قۇلىقى تىنچ.
ئەنسىز زامان؛ مالىمان زامان.