ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
بارماق بىلەن سانىغۇدەكلا؛ ساناقلىقلا.
بارماقنىڭ كەلمىكى بار، ئالماقنىڭ بەرمىكى
بارماقنىڭ كەلمىكى بار؛ ئالماقنىڭ بەرمىكى بار؛ بېرىش-كېلىش قىلماق.
بارماق ئۇيۇشسا مۇشت بولۇر.
بارمايدىغان يېرى يوق؛ كىرمەيدىغان تۆشۈكى يوق. قىلمىغىنى قالماسلىق؛ قىلمايدىغىنى يوق.
بارمىغان يەرنىڭ ئوي-چوڭقۇرى تولا؛ يېڭى يەرگە بارغاندا ئادىتىنى سورا.
بارنى كۆرسە كۆرەلمەيدۇ، يوقنى كۆرسە بېرەلمەيدۇ.
بارىغا شۈكۈر قىلماق؛ قانائەتچانلىق.
بارىكاللا ئېيتماق؛ ئاپىرىن ئوقۇماق.
بارىكاللا ئېيتماق؛ ھەشقاللا دېمەك.
باش-ئاخىرى بار ئىزچىل ھالدا؛ ئىشنى ئاخىرىغىچە داۋام قىلدۇرماق.
باش ئاغرىسا باشنى، پۇت ئاغرىسا پۇتنى داۋالىماق.
باش ئايلانماق؛ گاڭگىراپ قالماق؛ كەندىر يېگەن توخۇدەك بولۇپ قالماق.
باش ئايلىنىپ، كۆز قاراڭغۇلاشماق؛ باش قېيىپ كۆز ئىمىر-چىمىر بولماق.
باش-ئايىغى باغلانغانل؛ باش-ئاخىرى باغلانغان.
باش-ئايىغى ماس كەلمەك؛ باش-ئاخىرى جىپسىلىشىپ كەلمەك؛ بېشى بىلەن ئايىغى باغلاشماق.
باش-ئايىقى يوق؛ تۇتامى يوق. ھېنېمىگە قارىماي؛ قارىسىغا.
باشباشتاقلىق قىلماق؛ ھەر كىم ئۆز تەشەببۇسى بويىچە ئىش كۆرمەك؛ ھەر كىم ئۆز خاھىشى بويىچە ئىش قىلماق.
باشباغ كۈتۈرۈلسە ، تورنىڭ كۆزى ئېچىلىدۇ؛ تۇتقا تۇتۇلسا تارماقلار يۈرۈشۈپ كېتىدۇ.