ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ئەلدىن ئايرىلىش يالغۇز ياشىماق؛ جامائەتتىن ئايرىلىپ تەنھا ياشىماق.
ئەل قارغىغاننى خۇدا قارغاپتۇ.
ئەلگە قوشۇلساڭ ئەر بولىسەن، ئەلدىن ئايرىلساڭ يەر بولىسەن.
ئەلگە قوشۇلماي يالغۇز يۈرمەك؛ باشقىلار بىلەن باردى-كەلدى قىلشماسلىق؛ تەنھا يۈرمەك.
ئەلگە كىرسەڭ بېلىڭچە، سۇغا كىرسەڭ بېلىڭچە.
ئەلگە كىرسەڭ ئېلىڭچە، سۇغا كىرسەڭ بېلىڭچە.
ئەلگە كىرسەڭ ئېلىڭچە، سۇغا كىرسەڭ بېلىڭچە؛ نەگە بارسا، شۇ يەرنىڭ قائىدە يۇسۇنىغا ئەمەل قىلماق.
ئەلمىساقتىن تارتىپ. يېڭى دەۋر ئاچماق. بولۇپ باقمىغان؛ مىسلى كۆرۈلمىگەن.
ئەلنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن جان كۆيدۈرمەك.
ئەل-يۇرت ئالدىدا؛ خالايىق ئالدىدا.
ئەل-يۇرتنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە ئېرىشمەك.
ئەمەتنىڭ بۆكىنى سەمەتكە كىيگۈزمەك؛ خاتا قىلماق؛ ئارىلاشتۇرۇپ قويماق.
ئەمەلدار ئەمەلدارنىڭ قاياشى؛ باي بايغا، سۇ سايغا.
ئەمەلدار ئەمەلدارنىڭ قاياشى، پۇقرا پۇقرانىڭ قاياشى.
ئەمەلدار پاك بولسا دورغىلىرىغا نەپ چىقماس.