ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ئەقىل ياشتا ئەمەس، باشتا؛ ئۇلۇغ نەتىجىنى يارىتىش ياشقا ئەمەس، ئىرادىگە باغلىق.
ئەقىل يەتمەسلىك؛ چۈشىنىپ بولماسلىق؛ ئەقىلگە سىغماسلىق.
ئەكىسچە يول تۇتماق؛ قارىمۇ قارشى ماڭماق؛ زىت يول تۇتماق.
ئەگرى-توقاي يولدىن قورققان ئېگىز چوققىغا چىقالماس.
ئەگرىنى تۈز قىلىمەن دەپ، چەكتىن ئاشۇرۇۋەتمەك.
ئەگىپ ماڭماق؛ ئايلىنىپ ماڭماق. ئەگىتىپ ئېيتماق.
ئەڭ ئەشەددىي؛ ئەڭ قەبىھ؛ ئۇچىغا چىققان ياۋۇزلۇق.
ئەڭ يۈكسەك؛ ئەڭ يۇقىرى؛ ھەممىدىن ئەلا؛ تەڭدىشى يوق.
ئەلا چارە؛ بىردىنبىر يول.
ئەل-ئاغىنە، يارۇ بۇرادەرلەر؛ دوست-يارەن.
ئەل ئايىغى جىمىغان چاغ؛ ئەل ئايىغى بېسىققان چاغ؛ تۈن نىسپى.
ئەلەم تارتقان يېڭىدۇ؛ دەرد-ئەلەمدىن غەزەپلەنگەن قوشۇن يېڭىدۇ.
ئەل بار يەردە ئەر بار.
ئەل بولماق؛ باش ئەگمەك.
ئەل بىر نىيەت بولسا، توپا ئالتۇنغا ئايلىنار.
ئەلپازىنى بۇزماق؛ پەيلىنى بۇزماق؛ قەھرى-غەزەپ بىلەن.
ئەلپازى يامان؛ ئادەم يەيدىغان؛ ياۋۇزلۇق بىلەن؛ يىرتقۇچلارچە.
ئەل-جامائەتنىڭ لەنىتىگە قالماق؛ جىمى ئەل-يۇرت غەزەپكە كەلمەك.
ئەلدى ئالداپ، شۆھرەت قازانماق.
ئەلدىن ئايرىلغىچە، جاندىن ئايرىل.