ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ئەجەللىك بالايئاپەت.
ئەجدادتىن ئەۋلادقا قالدۇرماق.
ئەجدادلارنىڭ ئىشىنى گۈللەندۈرمەك؛ ئەجدادلارنىڭ ئىشىنى داۋاملاشتۇرماق ۋە راۋاجلاندۇرماق.
ئەجىر قىلساڭ تاشقا، ئاغزىڭ تېگەر ئاشقا (ئاش-نان كېلىدۇ نەدىن، تەر تۆكۈلگەن يەردىن).
ئەجىر قىلساڭ تاشلىققا، تويدۇرىدۇ ئاشلىققا.
ئەجىر قىلساڭ لوم تۆمۈرمۇ يىڭنە بولىدۇ؛ تىرىشقان تاپار، تاشقا مىخ قاقار؛ سەۋەب قىلساڭ، سېۋەتتە سۇ توختايدۇ.
ئەجىر قىلساڭ ئۇتۇپ چىقىسەن؛ ئەجىرسىز نەتىجە بولماس.
ئەجىلى توشماق؛ ئۆمرى كوتا؛ ئۆمرى ئاز قالماق؛ جېنى ئاز قالماق.
ئەجىلى توشماي ئۆلمەك؛ ئەجەلىسىز ئۆلمەك؛ ۋاقىتسىز ئۆلمەك.
ئەخلاق-پەزىلىتىگە قاراپ ئىشقا قويماق؛ ياخشىلارنىلا ئىشقا قويماق.
ئەخلەت-چاۋار ۋە قىغ-توپا؛ ھېچنېمىگە يارىماس نەرسە؛ كارغا كەلمەس نەرسە؛ تەربىيە سىڭمەس ئادەملەر.
ئەخمەقنىڭمۇ بىرەر ئىشى توغرا چىقىپ قالىدۇ؛ نۇرغۇن مۇلاھىزىلەرنىڭ بىرەر-يېرىمى توغرا چىقىپ قالىدۇ.
ئەخمەق ئۆزىگە ئىش تاپىدۇ؛ ئۆزىگە ئۆزى ئىش تېپىېالماق؛ ئۆزىگە ئۆزى باش ئاغرىقى تېپىۋالماق.
ئەخمىقانە خام خىيال؛ خام خىيال.
ئەدىبلەر خارلانماق؛ مەدەنىيەت ئاياغ ئاستى قىلىنماق. ئەدىبلەر چۈشكۈنلەشمەك؛ ئەدىبلەرنىڭ يۈزىنى چۈشۈرمەك.
ئەر-خوتۇن ئەپ ئۆتمىسە يامانغا پۇرسەت بولۇر، ئاكا-ئۇكا ئەپ ئۆتمىسە ياتلار بوزەك قىلۇر.
ئەرزان گۆشنىڭ شورپىسى يوق.
ئەرزان مالىنىڭ ياخشىسى بولماس، ياخشى مال ئەرزان بولماس.
ئەرزىمەس تۆھپە؛ تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق تۆھپە.
ئەرزىمەس؛ كارى چاغلىق؛ جىڭغا توختىمايدىغان.