ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ئەرزىمەس كېسەللىك؛ ئانچىكى ئىللەت؛ كىچىككىنە نوقسان.
(ئەرزىمەس ھۈنەر؛ كىچىككىنە قابىلىيەت؛ چاكىنا قىلىق . يارامسىز (ئادەم.
ئەرزىمەس ئىشلار؛ تۇتامغا چىقمايدىغان نەرسىلەر.
ئەر قەدىرنى ئەر بىلەر، زەر دەرىنى زەرگەر.
ئەركە بالا-جانغا جازا، چوڭ بولغاندا بالا-قازا.
ئەركەك-چىشىسى ئايرىلماق؛ كۈچ سىناشماق؛ ئېلىشماق.
ئەركە-نايناق؛ ئەركىلىمەك.
ئەركە ئۆسۈپ قالماق؛ ئەركە ئۆستۈرۈپ قويماق.
ئەر كىشىگە يەتمىش تۈرلۈك ھۈنەر ئاز.
ئەركىلىمەك؛ ئەركىلىك قىلماق؛ نازلىماق.
ئەركىن-ئازادە؛ كەڭ-كۇشادە.
ئەركىن-ئازادە ياشاۋاتقان ئادەم؛ بەھۇزۇر ياشاۋاتقان ئادەم.
ئەرۋاھى ئۇچماق؛ قورقۇپ يۈرىكى يېرىلماق؛ قورقۇپ ئالاقزادە بولۇپ كەتمەك.
ئەرۋاھى ئۇچۇپ كەتمەك؛ ھودۇقۇپ كەتمەك؛ ئالاقىزادە بولماق؛ تەمتىرەپ قالماق.
ئەر ئىچىدە ئەر بار، يەر ئىچىدە يەر.
ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان؛ زادىلا ئاڭلاپ باقمىغان؛ قەدىمدىن ئاڭلاپ باقمىغان.
ئەزمىلىك قىلماق؛ سۆرەلمىلىك قىلماق.
ئەزمىلىك قىلماق؛ لايغەزەللىك قىلماق.