ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ئەزىمەتتىن قان ئاقسىمۇ ياش ئاقمايدۇ.
ئەسەبىيلىشىپ كەتمەك؛ تەلۋىلىك قىلماق؛ غالجىرلاشماق.
ئەستايىدىللىق بىلەن؛ چىن ئېتىبار بىلەن؛ رەسمىي يوسۇندا.
ئەس خاتىرەڭدىن خەت خاتىرەڭ ياخشى.
ئەسكەر باقساڭ مىڭ كۈن، ئەسقاتىدۇ بىر كۈن.
ئەسكەر تارتىپ جازا يۈرۈشى قىلماق؛ ئالدىغا بېرىپ ئەيىبلىمەك.
ئەسكەر ساقلاش ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىش، (ئەسكەر) ئىشلىتىش بىر قېتىملىق ئىش.
ئەسكەرلەر قاۋۇل، ئاتلار تىمەن؛ ئادەم خىل، ياراغ ئىسىل.
ئەسكى ئەسكىنىڭ قاياشى؛ يامانغا يامان ھەمدەم بولار.
ئەسكى بولسىمۇ، ئۆزۈمگە ياخشى.
ئەسكى تۇماققا تاز كاللا خېرىدار.
ئەسكى-تۈسكى نەرسىلەر؛ كونا-چىرىك نەرسىلەر.
ئەسكىرى كۈچى ئاز؛ ئاجىز.
ئەسكىرى كۈچى زور؛ قۇدرەتلىك.
ئەسكى سامانلىققا قۇشقاچ ئولشار، يوقسۇل-نامراتقا بالايىئاپەت (ئولىشار).
ئەسكى كەشتەك تاشلىۋەتمەك.
ئەسكىلىك قىلماق؛ يامان ئىشلارنى قىلماق؛ قانۇنسىز ئىشلارنى قىلماق.
ئەسكىلىكى ھەممىگە ئايان بولماق؛ رەزىللىكى ھەممىگە ئاشكارا بولماق.
ئەسكىنىڭ نامى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا قالار.
ئەسكى ھارۋىنىڭ ئاۋازى قاتتىق چىقار.