ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ئەسلى تەبىئيتىگەقايتماق؛ ئەسلىگە قايتماق.
ئەسلىدىكى ئاساسلاردىن پايدىلانماق؛ ئەسلىدىكى ئاساستا ئىش كۆرمەك؛ ئاددىي ئۈسكۈنىلەردىن پايدىلانماق.
ئەسلى زاتنى ئۇنتۇپ قالماق؛ ئەسلىنى ئۇنتۇپ قالماق.
ئەسلى قىياپىتى؛ ئەسلى ھالىتى.
ئەسلى ئىسمىنى يوشۇرماق؛ نام-ئەمىلىنى يۇشۇرماق.
ئەس-ھوشىنى تېز يىغىۋالماق؛ تېز ئەقلىنى تاپماق؛ دەرھال ھوشىغا كەلمەك.
ئەس-ھوشىنى يوقاتماق؛ ئەرۋاھى ئۇچماق.
ئەس ھوشىنى يوقاتماق؛ ئەس-ھوشى جايىدا بولماسلىق.
ئەس-ھوشىنى يوقاتماق؛ مەپتۇن بولماق؛ مەھلىيا بولماق؛ مەست بولماق؛ بېرىلىپ كەتمەك.
ئەس-ھۇشىنى يوقىتىپ قويماق؛ ئېسىدىن ئاداشماق.
ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ-قۇۋۋەت تۈگەپ قالماق.
ئەقىل جاپالىق ئەجىردىن كېلىدۇ.
ئەقىل كۆرسەتمەك؛ چارە-تەدبىر كۆرسەتمەك؛ مەسلىھەت بەرمەك.
ئەقىلگە مۇۋاپىق.
ئەقىلگە مۇۋاپىق؛ قائىدە-يوسۇنغا ئۇيغۇن.
ئەقىلگە ئىشارەت، نادانغا جۇۋالدۇرۇز.
ئەقىللىق ئادەم جاپاغا تەييار.
ئەقىللىق توشقان ئۇۋىسى ئەتراپىدىكى ئوتنى يەپ سالماس.
ئەقىللىققا گەپ قىلساڭ. ئويلاپ كۈلىدۇ، نادانغا گەپ قىلساڭ، ئاڭلاپ كۈلىدۇ.
ئەقىل ياشتا ئەمەس باشتا.