ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ئەپت-بەشرىسى ئاشكارىلانماق.
ئەپت-بەشرىسى يىرگىنىشلىك.
ئەپچىل كىشىنىڭ قولىدا كېرەكسز نەرسە كېرەكلىك بولۇر.
ئەپلەپ-سەپلەپ قولدىن چىقارماق؛ كوم-كومچىلىق قىلماق.
ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتكۈزۈۋەتمەك؛ رەسمىيەت ئۈچۈنلا ئىشلەپ قويماق؛ قول ئۇچىدا ئىشلىمەك.
ئەپلەپ سەپلەپ ئۆتكۈزۈۋەتمەك؛ كۆز بويامچىلىق قىلماق.
ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتكۈزىۋەتمەك؛ چالا-بۇلا ئىشلەپ بولدى قىلماق؛ قولدىن ئۆتكۈچە، ئۆيگە يەتكۈچە.
ئەپلەپ-سەپلەپ يىلدىن چىقىۋالماق.
ئەپۇ قىلغۇسىز؛ كەچۈرگۈسىز.
ئەپۇ قىلىشقا بولىدۇ؛ ئەپۇ قىلىش ئورۇنلۇق.
ئەتىگەن بېرىپ كەچ قايتماق.
ئەتىگەندە جىرىم تىكىپ، كەچتە سايىدىغىلى بولماس.
ئەتىگەندە كۆچەت تىكىپ، كەچتە سايىسىنى ئىزدەپتۇ.
ئەتىگەنكى پەرماننى كەچتە بىكار قىلماق؛ ئەتىگىنى بىر خىل، كەچتە بىر خىل بولماق؛ ھېلى ئۇنداق، ھېلى مۇنداق.
ئەتىگەنكى شەبنەمدەك؛ قىل ئۈستىدە تۇرماق؛ ئىنتايىن خەۋپلىك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالماق.
ئەتىگىنى ئاخشىمىغا كۆزى يەتمەسلىك.
ئەتىگىنى چىن بەگلىكىگە باقسا، كەچلىكى چۇ بەگلىكىگە بېقىپتۇ؛ ھېلى ئۇنىڭغا، ھېلى بۇنىڭغا بېقىنماق؛ تۇرۇپ ئۇنىڭغا، تۇرۇپ بۇنىڭغا تەلپۈنمەك؛ تۇتامى يوق؛ يۇمىلاق تاۋۇز.
ئەتىلىكىنى بۈگۈن يەۋەتمەك؛ ئېھتىمالغا ئورۇن قالدۇرماسلىق؛ بارىدا پولدۇرۇڭ-پولدۇرۇڭ، يوقىدا قاراپ ئولتۇرۇڭ.
ئەتىيازدا ھۇرۇنلۇق قىلساڭ، كۈزدە قۇرۇق قول قالىسەن.
ئەتىيازدا ياغقان يامغۇر گۆھەردىن قىممەت.