ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ئالدىنقىسى يىقىلسا، كېيىنكىسى ئورنىنى باسماق.
ئالدىنقىغا ۋارىسلىق قىلىپ،كىيىنكىگە يول ئاچماق.
ئالدىنقى قاتاردا تۇرماق؛ بىرىنچى ئورۇندا تۇرماق.
ئالدىنقى قاتاردىكى؛ كۆزگە كۆرۈنگەن؛ تۆتنىڭ بىرى.
ئالدىنقىلار جىرىم قويسا، كېيىنكىلەر سايىدايدۇ.
ئالدىنقىلار دەرەخ تىكسە كېيىنكىلەر سايىداپتۇ.
ئالدىنقىلارغا يېتەلمىسىمۇ، كەينىدىكىلەردىن ئېشىپ چۈشمەك؛ ئوتتۇرا ھال؛ ئەل قاتارى؛ بازار نەرخى؛ قەدىر ئەھۋال
ئالدىنقىلار قاتارىغا ئۆتمەك؛ ئالدىنقى قاتاردا تۇرماق.
ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر باسماق؛ ئارقا-ئارقىدىن؛ بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى.
ئالدىنقىلار يول ياسىسا، كېيىنكىلەر ماڭىدۇ.
ئالدىنقى ھارۋا ئۆرۈلسە، كېيىنكىسىگە ئىبرەت بوپتۇ؛ ئىبرەت ئالماق؛ ئبرەت قىلماق.
ئالدىنقى ھارۋا ئۆرۈلسە، كىيىنكىسىگە ئىبرەت بوپتۇ؛ ئىبرەت قىلماق.
ئالدىن كۆرەرلىك.
ئالدىن مۇشت كۆتۈرمەك؛ ئالدىن قول سالماق؛ تەشەببۇسكارلىقنى قولغا ئالماق.
ئالغا باسماي بىر ئىزدا تۇرۇپ قالماق؛ كونا قېلىپتىن چىقماسلىق.
ئالغانغا تۈگىمەيدىغان، ئىشلەتكەنگە خورىمايدىغان؛ پۈتمەس-تۈگىمەس.
ئالغۇچە "بىسمىللا'، بەرگۈچە "ئەستاغپۇرۇللا'
ئالغۇچە قوغۇن پىچاي، ئالغاندىن كېيىن ئاغزىڭغا چىچاي.
ئالقانچىلىك يەر؛ پۇت ساپقۇدەك يەر.
ئالماقنىڭ بەرمىكى بار. چىقماقنىڭ چۈشمىكى.