ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ئالۋان-ياساق.
ئالىتاغىل ۋارقىرىماق؛ شاۋقۇن كۆتۈرمەك؛ سۈرەن سالماق. ھۆكىرمەك.
ئالىتوپىلاڭ كۆتۈرمەك؛ قۇتراتقۇلۇق قىلماق؛ ئوت قۇيرۇقلۇق قىلماق؛ ۋەقە تۇغدۇرماق.
ئالىجانابنىڭ كۆڭلىنى پەسنىڭ كۆڭلى بىلەن ئۆلچىمەك؛ ھەممىنى ئۆزىدەك پەس چاغلىماق.
ئالىقاندىكى گۆھەر؛ ئەتىۋارلىق قىز؛ ئارزۇلۇق قىز.
ئالىمەن دەپ قوشلاپ بېرىپتۇ.
ئالىم بولساڭ، ئالەم سېنىڭكى.
ئالىيجاناب پەزىلەت.
ئالىيجانابلار ماختانمىسىمۇ كىشىلەرنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ.
ئالىيجاناب ، ئوچۇق ئاشكارا.
ئالىيجاناپ ئادەم؛ ئەخلاقلىق ئادەم؛ پازىل ئادەم.
ئامالسىز؛ ئىلاجىسىز؛ ئامالنىڭ يوقلۇقىدىن؛ مەجبۇر بولماق.
ئامان-ئېسەن چاغلارداخەۋپ-خەتەرنى ئۇنتۇماسلىق؛ ياخشى چاغدا يامان چاغنى ئۇنتۇماسلىق.
ئامەت قوشلاپ كەلمەس.
ئامەت قۇش كەلمەيدۇ، ئاپەت قوش كېلىدۇ.
ئامەت ئوڭدىن كەلسە، تەلەي دۆڭدىن كەپتۇ.
ئامبال بولدى، يانچۇقى يامبۇ بىلەن تولدى.
ئاممىنىڭ رايىغا بېقىپ قىلمىغان ئىش، يامغۇردا قۇيغان خام خىش.
ئامىتى كەلمەك؛ بەخىت قۇچماق.
ئانچە ئەھمىيتى يوق نەرسە؛ قىزىققۇچىلىكى يوق نەرسە.