ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ئانچە پەرقلەنمەسلىك؛ بىر-بىرىدىن قېلىشماسلىق.
ئانچىكى دەپ قويماق؛ ئۆزىچىلا دەپ قويماق.
ئانچىكى ھۈنەر؛ ئەرزىمەس ماھارەت؛ تايىنى يوق ئۇسلۇب.
ئاندا-ساندا؛ بىرەر-بىرەر.
ئاھانەتكىمۇ، ئامەتكىمۇ چىداش؛ شارائىتقا ماسلىشالايدىغان.
ئاھ-زارى پەلەككە يەتمەك؛ زار-زار قاقشىماق؛ داد-پەرياد كۆتۈرمەك.
ئاھ ئۇرماق؛ ھەسرەت چەكمەك؛ خۇرسىنماق.
ئاۋارىگەرچىلىكتىن قاچماسلىق؛ ئېغىر كۆرمەسلىك؛ ئېرىنمەسلىك؛ مالال كۆرمەسلىك؛ قايتا-قايتا؛ تەپسىلىي.
ئاۋاز توساتتىن توختىماق .
ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئۆزىنى كۆرگەندەك بولماق.
ئاۋازى ۋە چىراي شەكلى.
ئاۋال ئۆزۈڭدىن، ئاندىن ئۆزگىدىن.
ئاۋايلىماق؛ ئېھتىيات بىلەن؛ پەخەس بولماق.
ئاۋۋال سىلىق-يۇمشاق، كېيىن تاياق-توقماق؛ ئاۋۋال قەلەم، كېيىن ئەلەم.
ئاۋۋال قەتل قىلىپ، كېيىن مەلۇم قىلماق؛ ئاۋۋال ئىشلەپ بولۇپ، ئاندىن مەلۇم قىلماق؛
ئاۋۋال قول سالغان ئۈستۈنلۈكنى ئالىدۇ.
ئاۋۋال ئۆزگىگە، ئاندىن ئۆزىگە؛ جاپادا ئالدىدا، راھەتتە كېيىن تۇرماق.
ئائىلە شادلىقى؛ ئائىلىۋى بەخت.
ئائىلەڭ ئىناق بولسا، ئىشىڭ روناق تاپار.
ئاياغ تىكىشكە چەم كېرەك، يول مېڭىشقا پەم كېرەك.