ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ئالدىرىغان قالار.
ئالدىرىغان مۇرادىغا يېتەلمەپتۇ.
ئالدىرىغان مۇرادىغا يېتەلمەس.
ئالدىرىغاننىڭ ئايىغى كۆيەر.
ئالدىرىغان ئىشقا شەيتان ئارىلىشار.
ئالدىرىغان يولدا قالار، ئالدىرىمىغان ئۆيگە بارار.
ئالدىرىماي پۇختا مەسلەھەتلەشمەك.
ئالدىغا بېرىپ سورىماق؛ ئالدىغا بېرىپ مۇراجىئەت قىلماق.
ئالدىغا بېرىپ قايتا-قايتا تەكلىپ قىلماق.
ئالدىغا قاراپ بۆرىدىن. ئارقىسىغا قاراپ يولۋاستىن قورقماق؛ ھېلى ئۇنىڭدىن، ھېلى بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلىپ ئىلگىرىلىمەي تۇرۇپ قالماق.
ئالدىغا ماڭاي دېسە تېخى، كەينىگە ياناي دېسە تېخى؛ نېمە قىلىشىنى بىلمەي قالماق؛ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالماق.
ئالدىغىمۇ ماڭالماي، ئارقىغىمۇ قايتالماي تۇرۇپ قالماق؛ نېمە قىلىشنى بىلمەي قالماق.
ئالدى-كەينىگە قاراپ ئىش قىلماق؛ ئەتراپلىق ئويلىنىپ ئىش كۆرمەك؛ ئاقىۋىتىنى ھېسابقا ئالماق. ئالدى-كەينىگە قاراپ قالماق؛ ئارىسالدى بولماق؛ ئىككى خىيالدا قالماق؛ ئىككىلەنمەك.
ئالدىڭدا يار، كەينىڭگە يان؛ يامانلىقتىن قول ئۈزسەڭ، نىجات تاپىسەن؛ يامان يولدىن قايتماق.
ئالدىڭدىكى يولنى بىلمەكچى بولسا، ئۇدۇلدىن كەلگەن يولۇچىدىن سورا.
ئالدىڭغا بىر قارىساڭ، كەينىڭگە ئىككى قارا.
ئالدىنئالا تەدبىر كۆرۈپ قويماق.
ئالدىنئالا خەۋەردار قىلىپ قويماق؛ ئالدىنئالا ئېيتىپ قويماق.
ئالدىن بىلگۈچى ۋە ئالدىن سەزگۈچى؛ ئەۋلىيا-ئەنبىيالار؛ دانىشمەنلەر.
ئالدىن بىلمەك؛ ئالدىن كۆرمەك؛ ئالدىن كۆرەرلىك؛ ھۆكۈمالىق.