ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ئۇستا تۆمۈرچىنىڭ ئالدىدا كېرەكسىز تۆمۈر تېپىلماس.
ئۇستا رەسسام؛ ماھىر رەسسام.
ئۇستازنىڭ تەلىمىگە قاتتىق ئەمەل قىلماق؛
ئۇستا؛ ئىشقا پىششىق؛ بىرەر ئىشنى قىلىشتا قىينالماسلىق؛ ئاسانغا چۈشمەك.
ئۇستىخىنىنى چېقىپ، يىلىكىنى شورىماق.
ئۇستىلىق بىلەن غەلبە قىلماق؛ ئۇستىلىق بىلەن يەڭمەك.
ئۇستىلىق بىلەن يېڭىلىق ياراتماق.
ئۇستىلىق قىلىمەن دەپ، چاندۇرۇپ قويماق؛ چاپىقىنى ئالىمەن دەپ، قارىغۇ قىلىپ قويماق.
ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرىمەن دەپ ئوغا ئىچمەك؛ ئاقىۋىتنى ئويلىماي ئىش قىلماق؛ ھازىرنى ئويلاپ كەلگۈسى بىلەن ھېسابلاشماسلىق.
ئۇسسۇل ئوينىيالمايدىغان قىزغا ئۆينىڭ تارلىقى باھانە.
ئۇسسىغاندا قۇدۇق كولاپتۇ، تەرەت قىستىغاندا ئورەك (كولاپتۇ).
ئۇششاق-چۈششەك ئىش؛ ئەرزىمەس ئىش.
ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار بىلەن كارى بولماسلىق؛ ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارغا پەرۋا قىلماسلىق.
ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار؛ پارچە-پۇرات نەرسىلەر؛ يوقىلاڭ نېمىلەر.
ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار؛ تاغدىن-باغدىن سۆزلىمەك.
ئۇلاغ ئالساڭ تېرىسىگە قارىماي، چىشىغا قارا. دوست تۇتساڭ گېپىگە قارىماي ھەرىكىتىگە قارا.
ئۇلۇغ ئەقىل ۋە تالانت؛ ئاجايىپ قابىلىيەت.
ئۇلۇغ تۆھپە؛ بۈيۈك نەتىجە.
ئۇلۇغ زاتلارنىڭ قەدىمى تەگكەن مۇبارەك جاي؛ مەشھۇر زاتلارنىڭ نامى بىلەن داڭقى چىققان جاي.