ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ئوڭۇشسىزلىققا قانچە كۆپ ئۇچرىسا، شۇنچە ئەقىللىق بولۇر.
ئوڭۇشلۇق بولماق. توسالغۇسىز يۈرۈشۈپ كەتمەك؛ قۇرۇق قۇمۇشقا ئوت قويغاندەك.
ئوڭۇشلۇق بولماق؛ ئىش ئوڭدىن كەلمەك؛ ئاق يول تىلىمەك.
ئوڭۇشلۇق پەيتتە خىزمەتتىن چېكىنمەك. مۇرەككەپ پەيتتە خىزمەتتىن چېكىنمەك.
ئوڭۇشلۇق ۋەزىيەتتە تۇرماق؛ توسالغۇسىز؛ ھەيۋەت بىلەن.
ئوڭۇشىسزلىققا ئۇچرىغان قوشۇن غەلىبە قىلۇر، مەغرۇلانغان قوشۇن مەغلۇب بولۇر.
ئوڭۇشىسزلىق كىشىنى ئەقىل تاپتۇرىدۇ.
ئولتۇرالماي قالماق؛ ئولتۇرسىمۇ-ياتسىمۇ كۆڭلى تىنماسلىق؛ پۇتى كۆيگەن توخۇدەك بولۇپ قالماق
ئولتۇرۇپ تاڭ ئاتقۇزماق؛ ئولتۇرۇپ تۈنەپ چىقماق.
ئولۇغ ئەرباب؛ مەشھۇرزات؛ مۆتىۋەر زات.
ئولىشىۋالماق؛ ئورىۋالماق.
ئومۇمەن ئوخشاپ كەتمەك؛ ئانچە پەرق قىلماسلىق .
ئومۇملۇقنى نەزەردە تۇتماق.
ئومۇملىقنى كۆزلەپ مادارا قىلىپ تۇرماق؛ ئۇمۇمنىڭ ئىشى ئۈچۈن ئۆز مەنپەئەتىنى قۇربان قىلماق؛ ئۆزى ئازار يېسىمۇ ئىشنى ئورۇندىماق.
ئومۇمنى دەپ ئۆزىدىن كەچمەك؛ ئومۇمنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۆز مەنپەئەتىنى قۇربان قىلماق.
ئومۇمنى دەپ ئۆزىنى ئۇنتۇماق؛ ئومۇمنىڭ ئىشىنى ھەممىدىن ئەلا بىلمەك.
ئومۇمنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلىمەك؛ قىلچىمۇ ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزلىمەسلىك.
ئومۇمىي ئەھۋالنى چۈشەنمەسلىك؛ ئومۇمىيلىققا ئىتىبار بەرمەسلىك.
ئون بارماق بىلەن ئون بۈرگە تۇتقىلى بولماس.