ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ئۇلۇغ غايە؛ يۈكسەك ئىرادە.
ئۇلۇغ-كىچىك تىنماق؛ ئاھ ئۇرماق؛ ھەسرەت چەكمەك.
ئۇلۇغلار ئۇزاقتا يېتىلىدۇ.
ئۇلۇغ ئوتنى چۆچەكتىكى سۇدا ئۆچۇرمەكچى بولماق؛ تۆگىنى چۆچەكتە سۇغارماق؛ ساقالدىكى ئاشقا قورساق تويماپتۇ؛ ھېچنېمىگە دال بولماسلىق.
ئۇلۇغۋار نىيەت؛ ئۇلۇغۋار غايە ۋە يۈكسەك ئىرادە.
ئۇلۇغۋار ئىرادە؛ بۈيۈك نىيەت.
ئۇماچ ئاز، شەيخ جىق؛ نەرسە ئاز، ئادەم كۆپ.
ئۇمۇملۇقنى دەپ، سەۋر-تاقەت قىلماق.
ئۇنچىلىك ئاددىي ئەمەس؛ ئۇنچىلىك ئاسان ئەمەس.
ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ.
ئۇنداق كىشىلەر ئاز ئەمەس.
ئۇنى دەپ، بۇنى دەپ؛ ئۇنداق دەپ، بۇنداق دەپ.
ئۇنى دەپ بۇنىڭدىن قۇرۇق قالماق.
ئۇنى دېسە بۇ قالماق؛ بىرنى ھەل قىلسا يەنە بىرى چىقىپ تۇرماق.
ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن سەپلىمەك؛ ئۇ ياقتىن-بۇ ياقتىن قۇراشتۇرماق.
ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن سۆز ئاچماق؛ ئۇنى-بۇنى دېيىشمەك.
ئۇنىڭدىن تۈۋىنى؛ ئۇنىڭدىن كىيىنلىرى؛ ئۇنىڭدىن نېرىسى؛ ئۇنىڭدىنمۇ بەتتەر.
ئۇنىڭدىنمۇ بۇنىڭدىنمۇ قورقماق؛ ھېلى ئۇنىڭدىن، ھېلى بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلماق؛ يۈرەكسىزلىك قىلماق.
ئۇۋال بولدى دەپ زارلانماق؛ ناھەقچىلىكنى ئىزھار قىلماق.