ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ئۇچۇپ-ئۇچۇپ چۈشۈشىنى بىلمەپتۇ.
ئۇچىسىدىكى كىيىمىنى كۆتۈرگۈچىكمۇ ماغدۇرى قالماسلىق؛ چىۋىن قورۇغىدەكمۇ ھالى قالماسلىق.
ئۇچىسىغا ساۋۇت كىيىپ، قولىغا قورال ئالماق؛ قورال ئېلىپ جەڭگە ئاتلانماق.
ئۇچىغا چىققان بىمەنىلىك .
ئۇچىغا چىققان شەرمەندە؛ ئۈتۈپ كەتكەن نومۇسسىز.
ئۇچىغا چىققان قانۇنسىزلىق؛ قانۇنسىزلىق قىلماق؛ جاھاننى بېشىغا كىيمەك.
ئۇخلاۋاتقان قۇش ئاسان قولغا چۈشىدۇ.
ئۇخلىسىمۇ خىيالىدىن كەتمەسلىك؛ ئىنتىزار بولماق؛ قاتتىق ئارزۇ قىلماق.
ئۇخلىماي چۈش كۆرمەك؛ خام خىيال؛ ئەمەلگە ئاشمايدىغان. ئىش.
ئۇدۇل كەلگەن بىرىنىڭكىگە كىرىۋالماق؛ بىر نىڭكىگە كرىپ پاناھلانماق؛ چاشقان تۆشۈكى ساراي بولماق.
ئۇراي دېسەم يالغۇز بالام، ئۇرماي دېسەم ياۋۇز بالام.
ئۇرۇپ-سوقۇپ يۈرمەك؛ قالايمىقان ئۈسمەك؛ ئۆزىنى ئۇرماق.
ئۇرۇشتا ئېغىر چىقىم تارتماق.
ئۇرۇشنى تىنچلىققا ئايلاندۇرماق.
ئۇرۇش ھىلىسىز بولماس؛ ئۇرۇشنىڭ توققۇزى رەڭ بىرى جەڭ.
ئۇرۇش ئوتى يامرىماق؛ ئۇرۇش ئوتى يالقۇنجىماق؛ ئۇرۇش ئەۋجىگە چىقماق.
ئۇرۇش ئۇتى تۇتاشماق؛ چېگرا ئەنسىز بولماق؛ ئەل ئەنسىزلىككە چۈشۈپ قالماق.
ئۇرۇق-تۇغقانمۇ،يار-بۇرادەرمۇ ئەمەس؛ ئۆز ئارا ھېچقانداق ئالاقىسى بولماسلىق.
ئۇرۇق-تۇغقان يامانلاشسا، يات بوزەك ئېتەر.