ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ئۇرۇق ئېشەكنىڭ ھاڭرىشى يامان؛ ئۇرۇق كالىنىڭ پۇقى يوغان
ئۇرۇقى سۈپەتلىك بولسا، ھوسۇلىمۇ ئوبدان بولۇر.
ئۇزاقتىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلمەك؛ ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولماق.
ئۇزاق داۋاملاشماق؛ ئۇزاق سۇزۇلۇپ كەتمەك؛ ئۇزاق ۋاقىت ئۆتمەك.
ئۇزاققىچە ئۇرۇن تۇتۇپ يېتىپ قالسا، بالىسىمۇ يۈز ئۆرۈپتۇ.
ئۇزاق مەزگىل تىنچ بولماق؛ ئۇزاق مەزگىل ئامان بولماق.
ئۇزاقنى كۆرمىگەن، قايغۇ-ھەسرەتكە يېقىن.
ئۇزاق ۋاقىتلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن؛ ئۇزاق زامانلار داۋامىدا.
ئۇزاق ياغقان سىم-سىم يامغۇرمۇ ئاپەت پەيدا قىلىدۇ.
ئۇزاق يىللار؛ يىلمۇ يىل؛ ئۇزاق زامانلار.
ئۇزۇق-تۈلۈكنىڭ غېمىدە بولماق؛ ئوزۇق-تۈلۈكنىڭ ئامالىنى قىلماق.
ئۇزۇم تاپقان بالاغا، نەگە باراي داۋاغا.
ئۇزۇن سەپەرمۇ بىرىنچى قەدەمدىن باشلىنىدۇ؛ ھەرقانداق ئىش كىچىكتىن باشلىنىدۇ.
ئۇزۇن قۇلاق؛ قۇلىقى ئۇزۇن.
ئۇزۇن گەپنىڭ مەززىسى يوق، ئۇزۇن ئوينىڭ ئايىغى (يوق).
ئۇزۇننىڭ قىسقىسى بار، قىسقىنىڭ ئۇزىنى؛ ئارتۇقچىلىق بار يەردە كەمچىلىكمۇ بولىدۇ.
ئۇزۇن؛ ئۇزاق؛ ئۇزۇنغا سۇزۇلغان؛ ئۇزاققىچە.
ئۇستا باردا قولۇڭنى تارت، موللا باردا تىلىڭنى.
ئۇستا بار يەردە ئۆزۈڭنى ئوخشاتما.