ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ئون بارماقنىڭ تومۇرى بىر
ئون بارمىقىنى يارا قىلغۇچە بىر بارمىقىنى كەس .
ئون باش-ئوڭلۇق باش، بىر باش-مۇڭلۇق باش.
ئون تونۇشتۇرۇشتىن بىر تونۇش ئەلا.
ئون دەللالنىڭ توققۇزى يالغانچى.
ئون سەككىزمىڭ ئالەم؛ يەتتە ئىقلىم؛ چەكسىز كەڭ دۇنيا.
ئون كۈلكىنىڭ بىر يىغىسى بار.
ئون گاچىنىڭ توققۇزى گاس.
ئون مىڭ يوللۇق ئۇزۇن سەپەر.
ئون ئۆينىڭ توققۇزى بوش تۇرماق؛ چۆلدەرەپ قالماق.
ئون ئېلاننىڭ بىرى راست، توققۇزى ئويۇن.
ئون ئىشتا چالا موللام بولغاندىن بىر ئىشتا داموللام بولغان ياخشى.
ئون يىل كۆچەت تىكسەڭ، يۈز يىل سايىدايسەن.
ئوي-پىكرى بىر يەردىن چىقماق؛ بىر نىيەت-بىر مەقسەتتە بولماق؛ قەلبى بىر بولماق.
ئوي-خىيالى بىر يەردىن چىقماق
ئويدۇرۇپ چىقارماق؛ ئويدۇرمىچىلىق قىلماق؛ يانپىشىغا ئۇرۇپ گەپ تاپماق.
ئويلاپمۇ قويماسلىق بىر ياققا قايرىپ قويماق؛ كاللىسىدىن چىقىرىۋەتمەك.
ئويلىغاندەك بولۇپ چىقماق؛ كۆڭلىدىكىدەك بولماق.
ئويلىمىغان؛ خىيالىغا كەلمىگەن.
ئويلىمىغان يەردىن تۈلكە چىقار.