ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ئوغۇت يەرنىڭ يېقى.
ئوغۇت يىغساڭ تاتىلاپ، ھوسۇل ئالىسەن قاچىلاپ.
ئوغۇل ئاتنى دورايدۇ، قىز ئانىنى.
ئوغۇل بالا قىلغان ئىشىغا ئۆزى ئىگە.
ئوغۇل بالا ئۆزى قىلغان ئىشقا ئۆزى ئىگە بولۇر.
ئوغۇل تۇغماق؛ ئوغۇل تاپماق.
ئوغۇل تۇغۇلسا ئۆزىدىن كۆرۈپتۇ، قىز تۇغۇلسا ئۆزگىدىن.
ئوغۇلنىڭ مەردلىكى دادىغا تالىق.
ئوق-دورا تۈگەپ، ئوزۇق تۈلۈك ئۈزۈلۈپ قالماق؛ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالماق.
ئوق كىرىچ ئۈستىدە تۇرماق؛ قىلمىسا بولمايدىغان دەرىجىگە يەتمەك.
ئوقنىڭ كۆزى يوق.
ئوقۇتۇش بىلەن ئوقۇش بىللە يۈكسەلمەك.
ئوقۇشۇملۇق ئائىلىنىڭ پەرزەنتلىرى.
ئوقۇمۇشلۇق ئادەمگە كۆپ سۆز ھاجەتسىز.
ئوقيا ئاتساڭ نىشانغا قارا، ساز الساڭ تىڭشىغۇچىغا (قارا).
ئوقيا ئەگرى، ھەقىقەت تۈز
ئوقيادىن ئۈركىگەن قۇش، كېچىچە ئورمانلىققا كىرمەس.
ئوقيادىن ئۈركىگەن قۇش؛ يىلان چاققان ئالا يىپتىن قورقۇپتۇ؛ يۈرەكئالدى بولۇپ كەتمەك.
ئوق يامغۇردەك ياغماق؛ يامغۇردەك يېغىۋاتقان ئوقلار.
ئوقيانى تەڭلەپ تۇرماق؛ قوراللىنىپ تەخ بولۇپ تۇرماق؛ تەييار بولۇپ تۇرماق.