ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ئوغرى ئايدىڭدىن قورقىدۇ، جىن باخشىدىن.
ئوغرى ئايدىڭغا ئۆچ.
ئوغرى تۇتساڭ باشلىقىنى تۇت.
ئوغرىغا ئاچقۇچ تۇتقۇزماق؛ ئوغرىنى ئۆيگە باشلىماق.
ئوغرى قاراڭغۇغا ئامراق.
ئوغرى كەتكەندىن كېيىن ئىشىكنى تاقىماق؛ ئۆلگەندىن كېيىن ياسىن ئوقۇماق.
ئوغرى كېمىسىگە چىقىش ئاسان، چۈشۈش تەس.
ئوغرى كىرسە ئۆيۈڭگە، ئامانلىق يوق ئۆزۈڭگە.
ئوغرىلىق بىر تال يىڭنىدىن باشلىنۇر.
ئوغرىلىقچە؛ ئوغرىدەك؛ ئوغرى مۈشۈكتەك.
ئوغرىلىق ۋە بۇزۇقچىلىق قىلىشقا ئۆگەتمەك، يامان يولغا باشلىماق. مۇ دېيلىدۇ.
ئوغرى؛ لىمدىكى خوجام.
ئوغرى مۈشۈكتەك؛ تىمسىقلاپ يۈرمەك.
ئوغرىنى تۇتساڭ مېلى بىلەن تۇت، زىناخورنى تۇتساڭ جۈپتى بىلەن.
ئوغرىنى دىسەكچىلككە قويساڭ، قاراقچىغا يول ئوچۇق.
ئوغرىنىڭ ئوغرىلىغان مېلىغا قارا، "تاياق يېدىم' دېگەننىڭ يارىسىغا (قارا).
ئوغرىنىڭ يۈرىكى پوك-پوك.
ئوغرىنىڭ يۈرىكى پوك-پوك؛ ئوغرى خۇدۇكچان كىلىدۇ؛ ئىشتانغا چىققان كۆڭۈلگە تايىن.
ئوغرى ئوغرىنى تۇت دەپ ۋارقىراپتۇ.
ئوغلۇمغا ئورغاقچە، قىزىمغا قىڭراقچە؛ (پۇل ۋە نەرسە كېرەكنى) ئۇنى-بۇنى دەپ تۇتۇپ قالماق.