ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ئوبدان ئويلاپ ئىش قىل؛ يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس.
ئوپمۇ ئوخشاش؛ ھېچقانداق پەرقى يوق.
ئوت ئالدىغا ئوتۇن دۈۋىلىمەك؛ چوغنى ئوتۇن ئاستىغا كۆممەك (تۇشۇرۇن خەۋپ-خەتەرگە تەمسىل قىلىنىدۇ) .
ئوت بىلەن سۇدەك سىغىشالماسلىق.
ئوتتۇرا يولدا قوشۇلماق؛ يېرىم يولدا كىرىشمەك.
ئوتتۇرىغا چىقارغۇچىلىكى يوق؛ تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق؛ چوڭ سورۇنغا بارغۇچىلىكى يوق.
ئوتتۇرىغاچىقماق؛ كۆزگە كۆرۈنمەك؛ نامى چىقماق.
ئوتتۇزا ئالتە تەدبىر ئىچىدە، پەشنى قېقىپ كېتىش ھەممىدىن ئەلا
ئوت-چۆپ چىقمايدىغان؛ ھېچ نەرسە ئۈمەيدىغان.
ئوت قۇيرۇقلۇق قىلماق؛ قۇتراتقۇلۇق قىلماق؛ ۋەسۋەسىگە سالماق.
ئوت نەدە كۆيىدۇ تۇل خوتۇننىڭ بېشىدا.
ئوتنى تۇتاشقان ۋاقىتدىلا ئۆچۈر، دەرەخنى جىرىم ۋاقىتىدىلا تۈزە.
ئوتنى كىم تۇتسا، شۇنىڭ قولى كۆيىدۇ؛ ئوت بىلەن ئويناشقان ئۆزىنى كۆيدۈرەر؛ يامان ئىش قىلغۇچىلار ئۆز بېشىغا چىقار.
ئوتنىڭ قانداقلىقى بوراندا بىلىنىدۇ؛ مەردنى مەيداندا سىنا.
ئوتنى ئۇلغايتاي دېسەڭ يەلپۈپ بەر.
ئوتنى ئۆزىگە تۇتاشتۇرماق.
ئوتنى يۇلساڭ يىلتىزدىن يۇل، يىلاننى ئۇرساڭ بېشىغا ئۇر.
ئوتنى يۇلساڭ يىلتىزى بىلەن يول.