ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ھېچ ئىش يوقتەك؛ ھېچنىمە بولمىغاندەك.
ھېچ ئىلاج بولمىغاندا؛ ئىلاجىسىز ئەھۋالدا قالغاندا؛ ئەڭ يامان ئەھۋالدا.
ھېچىنېمىگە دال بولالماسلىق؛ كارغا كەلمەسلىك؛ ھېچقانداق پايدىسى يوق.
ھېچ يەرنىڭ ئۆگىيى يوق؛ ھەممە يەر ئۆزيۇرت.
ھېسابتا بار. ساندا بار، ساپادا يوق.
ھېسابلاپ ئىشلەتسەك ئېشىنىسەن، ئىشلىتىپ ھېېسابلىساڭ پۇشايمان قىلىسەن.
ھېس-تۇيغۇلىرى ئۆز ئارا باغلانماق. تۇتاش تاغلار.
ھېسسىيات بىلەن ۋەقەلىك ئارىلىشىپ كەتمەك؛ ھېسسىيات بىلەن تەسۋىرنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشى (يېزىقچىلىقتا).
ھېسسىيات بىلەن ئىش قىلماق؛ بىردەملىك قىزىققانلىق بىلەن ئىش قىلماق.
ھېكمەتلىك سۆز؛ ئاقىلانە سۆز؛ ئورۇنلۇق گەپ.
ھېلى ئۇنداق، ھېلى مۇنداق؛ گىپىگە ئىگە بولماسلىق؛ گىپىدە تۇرماسلىق تۇتۇرۇقسىز.
ھېلى ئۇنداق، ھېلى مۇنداق؛ ئۆزگىرىپ تۇرماق.
ھىجىيىپ قۇيرۇق شىپاڭشىتماق؛ بىراۋنىڭ ئالدىدا كۈچۈكلەنمەك.
ھىجىيىپ كەتمەك؛ شالاقلىق قىلماق؛ شىتىلىلىك قىلماق؛ بىزەڭلىك قىلماق.
ھىماتىم بار دەپ غەم تارتماسلىق؛ تايانچىنىڭ ھىمايىسىدە ھېچنېمىدىن قورقماسلىق.
ھىممەت ۋە شەپقەتتىن مىننەتدار بولماق.
ھىيلە-مىكىرلىك؛ ھىيلىسى كۆپ.
ھىيلىگەردىن تۇخۇم ئالساڭ، ئىچىدىن سېرىقى چىقماس.
ئوبدان چۈشەنمەك؛ تېگى-تەكتىگە يەتمەك.