ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ئوچۇق-يورۇق؛ جۈرئەتلىك؛ مەردۇ مەردانە.
ئوخشاش بولمىغان ئادەمدە ئوخشاش بولمىغان غايە بولىدۇ. ھەر كىمنىڭ غايىسى ئوخشاش ئەمەس.
ئوخشاش ھالغا چۈشۈپ قالغان ھەمراھلار؛ بىر-بىرىدىن قېلىشمايدىغان نائەھلىلەر.
ئورەكتىن قېچىپ، قۇدۇققا چۈشۈپ كېتىپتۇ؛ خۇپتەندىن قېچىپ، تاراۋىغا تۇتۇلۇپتۇ.
ئورمانغا يېقىن يەردە ياشىساڭ، ئوتۇنسىز قالمايسەن.
ئورمانلىقتىكى قۇشنى تۇتىمەن دەپ، كاتەكتىكى توخۇدىن قۇرۇق قاپتۇ.
ئورماننى ئۆرتەپ شىكار قىلماق؛ ئورماننى كۆيدۈرۈپ ئوۋ قىلماق.
ئورنى تېز كۆتۈرۈلمەك؛ مەرتىۋىسى تېز ئۆرلىمەك.
ئورنىغا ئۆتمەك؛ ئورنىنى باسماق؛ ئورنىغا دەسسىمەك.
ئورۇق ئېشەكنىڭ ھاڭرىشى قاتتىق.
ئورۇقىنى تاشلاپ سېمىزىغا ئېسىلماق؛ ئۇنى-بۇنى تاللىماق.
ئورۇنسىز ئەجەبلەنمەك؛ ئەرزىمەس ئىشلارغا ھەيران قالماق.
ئورۇنلۇق سۆزلىمەك؛ سۆزى ئەقلىگە سىغىدىغان بولماق؛
ئورۇنلۇق ئۆلمەك؛ ھەقلىق ئۆلمەك.
ئورۇن ئىگىلەپ بىكار تاماق يەپ يۈرمەك؛ تىرىكتاپ؛ ھارامتاماق.
ئوشۇقچە سۆز، ئۇشۇقچە ئىبارە؛ لازىمى يوق گەپ-سۆز.
ئوشۇق دۆلەت باشنى يارمايدۇ.