ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ئوتنى يىلتىزىن ئوتا، سۇنى مەنبەسىدىن توسا.
ئوت ئورىمەن دەپ يىلاننى ئۈركۈتۈپ قويماق؛ سەزدۈرۈپ قويماق؛ شەپە بېرىپ قويماق.
ئوتۇن كەستىم يۈز كۈندە، قالاپ بولدۇم بىر كۈندە.
ئوتۇن كۆيۈپ بولسىمۇ چوغى قالماق؛ ئوقۇتقۇچىنىڭ بىلىمى شاگىرتتىن شاگىرتقا قالماق؛ ئىلىم-بىلىمنى ئەدلاتتىن ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرماق.
ئوت ئۆچۈرۇشكە ئوتۇن كۆتۈرۈپ بارماق.
ئوت ئۆسمەيدىغان تاغ يوق، بېلىق ياشىمايدىغان دېڭىز (يوق).
ئوت ئۈستىگە ياغ چاچماق؛ ئېچىشقان يەرگە تۇز سەپمەك.
ئوت ئۈنۈشىگىلا ئوتاپ بەر، بالا تۇغۇلۇشىغىلا تەربىيە بەر.
ئوت ئىچىدە قالماق؛ قاتتىق ئازاب-ئوقۇبەت.
(ئوت ئىچىدىن كاشتان ئالماق(ئالدانغانلىققا تەمسىل قىلىنىدۇ.
ئوت يوق يەردىن ئىس چىقماس.
ئوچۇق ئاسماندا چاقماق چاققاندەك؛ كۈتۈلمىگەن ھادىسە؛ تاساددىبىي ۋەقە.
ئوچۇق-ئاشكارا؛ ئادىل؛ توغرا. سالاپەتلىك.
ئوچۇق-ئاشكارا؛ ھەققانىيەتچىلىك.
ئوچۇقتىن-ئوچۇق ئەسكىلىك قىلماق؛ ئوچۇقتىن-ئوچۇق؛ تەپ تارتماستىن.
ئوچۇق كۆڭۈل؛ كۆكسى-قارنى كەڭ.
ئوچۇق گەۋدىلىنىپ تۇرماق؛ ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرماق؛ كۆز ئالدىغا كەلمەك؛ كۆز ئالدىدا گەۋدىلەنمەك.
ئوچۇق ھاۋادا يامغۇرنى ئويلا، ھوسۇل ئالغاندا ئاپەتنى (ئويلا).