ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ھەربىي بۇيرۇق-ئاتقان ئوق.
ھەربىي قوشۇننى ھەرىكەتكە كەلتۈرمەك؛ ئادەم كۈچلىرىنى جاي-جايىدا ئورۇنلاشتۇرماق.
ھەر تەرەپتىن ئاڭلىساڭ ئەھۋال ئېنىق، بولىدۇ بىر تەرەپتىن ئاڭلىساڭ ئەھۋال تۇتۇق بولىدۇ. بىر تەرەپتىن ئەھۋال تۇتۇق بولىدۇ.
ھەر تەرەپلىمە غەمخورلۇق قىلماق؛ تولۇق خەۋەر ئالماق؛ ئەتراپلىق ئېتىبار بەرمەك.
ھەر جەڭدە غەلبە قازانماق؛ يىڭىلمەس؛ غالىپ.
ھەر جەھەتتىن كۆيۈنمەك؛ ھەممە جەھەتتىن غەمخورلۇق قىلماق.
ھەرخىل شېۋە؛ شالغۇت تىل.
ھەر خىل-ھەر ياڭزا؛ خىلمۇخىل.
ھەرخىل ھۈنەر-كەسپ.
ھەرخىل يوللار بىلەن ئوخشاش نەتىجىگە ئېرىشمەك؛ ئەسەر باشقا-باشقا بولغىنى بىلەن ئوخشاشلا كامالەتكە يەتكەن؛ يول باشقا بولغان بىلەن، ئۈنۈم بىر بولماق.
ھەر سائەت؛ ھەر مىنۇتتا؛ ھەمىشە؛ ھەر دائىم؛ ھەر زامان.
ھەرقانچە قۇۋ تۈلكىمۇ ئۇستا مەرگەندىن قۇتۇلالماس.
ھەرقانچە قىلغان بىلەن ئۆز مۇددىئاسىدىن نېرى كەتمەسلىك؛ ھەرقانچە كۆپ ئۆزگىرىش بولسىمۇ تۈپ مەقسەت ئۆزگەرمەسلىك.
ھەر قانچە ئۇزۇن سەپەرمۇ بىرىنچى قەدەمدىن باشلىنىدۇ.
ھەرقانچە ياخشى گەپنىمۇ تەكرارلىما.
ھەر قانچە ياخشى گەپنىمۇ تەكرارلىما.
ھەرقانداق تەلەپنى قاندۇرماق؛ ھاجەتمەننى رازى قىلماق؛ خەقنىڭ تەلىپىنى رەت قىلماسلىق.
ھەرقانداق خەۋپ-خەتەردىن قورقماي بىمالال يۈرۈۋەرمەك.
ھەرقانداق مۇستەھكەم قورغاننى يىمىرىپ تاشلىماق؛ ھەممىدە غالىپ؛ ھەممىنى يېڭىدىغان؛ ئىنتايىن قۇدرەتلىك.
ھەرقانداق ۋەھشىلىكتىن يانماسلىق.