ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ھارغان ئوق شايىدىن ئوتەلمەپتۇ.
ھارماي-تالماي ئاخىرغىچە كۈرەش قىلماق؛؛ تىرىشىپ ئىزدەنمەك.
ھارماي-تالماي؛ ھاردىم-تالدىم دېمەي؛ زور ئىجتىھات بىلەن.
ھارۋا كەتسە ئىزى قالار
ھارۋا-ھارۋىلاپ؛ تاغار-تاغارلاپ؛ ساماندەك؛ ساينىڭ تېشىدەك.
ھارۋا ئۆرۈلگەن كاتاڭغا قايتا چۈشمەك؛ چايان چاققان تۆشۈككە قايتا قول تىقماق.
ھارۋىدىن چۈشەر-چۈشمەيلا؛ مەنسەپكە ئولتۇرا-ئولتۇرمايلا؛ يېڭى ئىش ئورنىغا كېلىش بىلەن تەڭلا.
ھازىرقىسى توغرا، بۇرۇنقىسى خاتا، بۈگۈنكىسى توغرا، تۈنۈگۈنكىسى خاتا.
ھازىرقىسى ئۆتمۈشتىكىگە يەتمەيدۇ؛ بۈگۈنكىسى تۈنۈگۈنكىسىگە يەتمەيدۇ.
ھازىرقىغا ئەھمىيەت بېرىپ، قەدىمكىگە سەل قارىماق.
ھازىرقىغا قاراپ، ئۆتمۈشتىكىنى ئەسلىمەك.
ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ، خەقنى بوزەك ئەتمەك؛ مەنمەنچىلىك قىلماق.
ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ، ئۆزىنى چوڭ تۇتماق.
ھاڭگىت پېيىدىنمۇ قەدىرسىز.
ھاڭۋاقتى؛ گالۋاڭ؛ گومۇش.
ھاڭۋاقتىلىق قىلماق؛ ئۇياق-بۇياققا قارىماق.
ھالاكەت گىردابىدىن قۇتۇلۇپ قالغان ئادەمگە ئامەت كېلىدۇ.
ھالاۋەتتىمۇ، جاپادىمۇ بىللە بولماق؛ جاپانىمۇ، ھالاۋەتنىمۇ تەڭ كۆرمەك.
ھالاۋەتنى تەڭ كۆرۈپ، جاپانىمۇ تەڭ تارتماق.
ھال-ئەھۋال سورىماق.