ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
نىشانلىق ئوق ئاتماق؛ مەقسەتلىك ئىش قىلماق.
نىلۇپەردەك لايدا ئۆسسىمۇ، ئۆزىگە لاي يۇقتۇرمايدىغان؛ ئۆزىگە يامان ئادەتنى يۇقتۇرمايدىغان؛ ئۆزىنى پاك ساقلىماق.
نىمە دەۋاتقانلىقىنى ئۇققىلى بولماسلىق؛ دېگەن گېپنى چۈشەنگىلى بولماسلىق.
نىمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالماق؛ ئالدى كەينىگە قاراپ قالماق؛ تەڭلىكتە قالماق؛ قىيىن ئەھۋالدا قالماق.
نىيىتى ياماننىڭ قارىنى تۆشۈك.
نىيىتى ياماننىڭ قازىنى تۆشۈك؛ نىيىتى ياماننىڭ ئىشى ئوڭماس.
ھاپىتىغا شاپتى، توڭرۇلۇققا مەرەزدار.
ھاپىتىغا شاپىتى، توڭرىلىققا مەرەزدار.
ھاجىتى چۈشمىسە بارماسلىق؛ ئىش بولمىسا ئىزدىمەسلىك؛ بېشىغا كۈن چۈشمىسە مازارغا بارماپتۇ.
ھادىسە ئارقىلىق ماھىيەتنى كۆرگىلى بولۇر.
ھاراق بىلەن باغلانغان دوستلۇق ئۇزاققا بارماس.
ھاراقنى تاشلاي دېسەك مەستنىڭ قىلىقىنى كۆر.
ھاراقنى جىق ئىچسە ئۆزىگە زىيان، ئاچچىقى يامان بولسا ئۆزگىگە .
ھارام تاماق ئاتا بولسا، بالا-چاقا ئاچ قالار.
ھارام مالغا شېرىك بولماق؛ ئوغرىغا شېرىك بولماق.
ھارام مال ھارامغا كېتىپتۇ.
ھاردۇق يېتىپ ، ئاغرىقچان بولۇپ قالماق.