ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
نۇرغۇن ئەسكىرىي كۈچنى ھەرىكەتكە كەلتۈرمەك؛ كۆپ ئادەمنى ئاتلاندۇرماق.
نۇرغۇن جەڭلەرنى باشتىن كەچۈرگەن؛ ئەمەلىي كۈرەشلەردە چېنىققان.
نۇرغۇن قېتىم سىنالغان؛ سىناقلاردىن ئۆتكەن.
نۇرغۇن ئىشلار خىيالىدىن چەكمەك.
نۇقسانسىز؛ غۇبارسىز؛ كەم-كۈتسىز؛ ئەيىبسىز.
نۆۋەتتىكى جىددىي ئىش؛ جىددىي ئۇرۇنداشقا تىگىشلىك ۋەزىپە.
نېپىز مۇزنىڭ ئۈستىدە دەسسەپ تۇرغاندەك؛ قىل ئۈستىدە تۇرماق؛ ئېھتىيات بىلەن ئىش قىلماق.
نېلۇپەر چىرايلىق بولسىمۇ، يوپۇرمىقىنىڭ يۆلەپ تۇرۇشىغا مۇھتاج.
نېمە ئاز بولسا شۇ قىممەت بولىدۇ؛ قىس نەرسە قەدىرلىك بولىدۇ.
نېمە بولسا شۇنى دېمەك؛ گەپنى ئوچۇق ئېيتماق.
نېمە تېرىساڭ شۇنى ئالارسەن.
نېمە تېرىساڭ شۇنى ئالىسەن.
نېمە دېسە ماقۇل دېمەك؛ گېپىدىن چىقماسلىق؛ سىزغان سىزىقىدىن چىقماسلىق.
نېمە قىلشنى بىلمەي قالماق؛ تەمتىرەپ قالماق؛ گاڭگىراپ قالماق.
نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالماق؛ قانداق قىلىشنى بىلەلەمەي قالماق.
نېمە قىلىشىنى بىلمەي قالماق؛ تەمتىرەپ قالماق؛ گاڭگىراپ قالماق.
نېمە ئىش بولسا، شۇ ئىش ئۈستىدە توختالماق؛ قانداق مەسىلە بولسا، شۇ مەسىلىنىڭ ئۆزىنىلا ھەل قىلماق.
نېمە يېزىلغان بولسا، شۇنى ئوقۇپ بەرمەك؛ كىتابتىكىنى ئەينەن ئوقۇپ بەرمەك.
نېمىدىن چەتنىمەك؛ تېمىدىن بەك يىراقلاپ كەتمەك.
نىشاندىن ئاداشماق؛ خاتا يولغا كىرىپ قالماق. ئاچا يول كۆپ بولسا، يوقالغان قوينى تاپقىلى بولماس.