ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ھەركىم دۈمبىسىدىكى كىرنى كۆرەلمەيدۇ.
ھەر كىم قابىلىيتىگە يارىشا ئىشلەش، ھەر كىمگە ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىش؛ قابىلىيتىگە يارىشا ئىشلەش، ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىش.
ھەر كىم قابىلىيتىگە يارىشا ئىشلەش، ھەر كىمگە ئېھتىياجىغا قاراپ تەقسىم قىلىش؛ قابىلىيتىگە يارىشا ئىشلەش، ئېھتىياجىغا قاراپ تەقسىم قىلىش.
ھەر كىمنىڭ قازىنى ئۆزىگە، مورىسى باشقا؛ بىر-بىرىنىڭ ئىشىغا ئارىلاشماسلىق؛ ئۆز ئارا ئالاقە قىلىشماسلىق.
ھەركىمنىڭ ئۆز جاۋابكارلىقى بولماق.
ھەر كىمنىڭ ئۆز قارىشى بولىدۇ؛ ھەر كاللىدا بىر خىيال.
ھەركىمنىڭ ئۆز قارىشى بولىدۇ؛ ھەركىم مەسىلىگە ئۆز چۈشەنچىسى بويىچە قارايدۇ؛ مەسىلىنى ھەر كىم ئۆز قارىشى يويىچە چۈشەندۈرىدۇ.
ھەر كىمنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق ئارتۇقچىلىقى بار؛ ھەر گۈلنىڭ پۇرىقى باشقا.
ھەر كىم ئۆز ئالدىغا ماڭماق؛ ھەركىم ئۆز يولىغا راۋان بولماق.
ھەر كىم ئۆز بىلگىنىچە قىلماق؛ ھەر كىم ئويلىغىنى بويىچە ئىش كۆرمەك.
ھەر كىم ئۆز پىكىرىنى بايان قىلماق.
ھەر كىم ئۆز سەنىمىگە دەسسىمەك؛ ھەر كىم ئۆز مۇقامىغا چالماق.
ھەر كىم ئۆز قابىلىيىتىنى كۆرسەتمەك؛ ھەر كىم ئۆز ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرماق.
ھەركىم ئۆز گېپىنى يورغۇلتىپتۇ.
ھەر كىم ئۆز گېپىنى يورغىلاتماق.
ھەركىم ئۆز ھۈنىرىنى سۆزلەر.
ھەر كىم ئۆز ھۈنىرىنى كۆرسەتمەك؛ ھەرقايسىسى ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتمەك.
ھەر كىم ئۆز ئورنىنى تاپماق؛ ھەر كىم ئۆز نېسىۋىسىگە ئىگە بولماق.
ھەر كىم ئۆز ئىختىيارى بىلەن پەرمان چىقارماق؛ ھەر كىم ئۆز ئالدىغا سىياسەت تۈزمەك.
ھەرگىز چىداپ تۇرغىلى بولماسلىق؛ قانداقمۇ چىداپ تۇرغىلى بولسۇن؛ بۇنىڭغىمۇ چىدا تۇرغىلى بولىدىغان بولسا، چىداپ تۇرغىلى بولمايدىغان ھېچقانداق ئىش قالمايدۇ.