ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ھاياتنىڭ چېكى بار، ئىلىمىنىڭ چېكى يوق.
ھاياتى قىل ئۈستىدە تۇرماق؛ ئۆلۈم خەۋىپىدە قالماق؛ ھالاكەت گىردابىدا تۇرماق؛ بۈگۈن-ئەتىلىكى قالماق.
ھايانكەشلىك قىلماق.
ھايت دەپ كەلتۈرۈپ، كەت دەپ كەتكۈزمەك؛ چاقىرسا كېلىپ، قول شىلتىسا كەتمەك.
ھايۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا، ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە.
ھايۋاننىڭ تېشىنى سىزىش ئاسان، ئىچىنى سىزىش تەس، ئادەمنىڭ چىرايىنى بىلىش ئاسان، قەلبىنى بىلىش تەس.
ھايۋانىيلىق؛ ھايۋانىي قىلىق؛ بەتقىلىق.
ھەپسىدىن چىققاندەك؛ گۆردىن چىققاندەك.
ھە دەپ قويماق؛ ئاڭلاپلا قويماق.
ھە دەپ قويماق؛ ئېغىزدىلا ماقۇل بولماق؛ ماقۇل دەپلا يولغا سېلىۋەتمەك؛ تاپشۇرغان ئىشنى كۆرۈنۈشتىلا قىلماق.
ھەددى-ھېسابسىز پايدا ئالماق.
ھەددى-ھېسابسىز؛ ساناپ تۈگەتكۈسىز.
ھە دېگەندىلا غەلىبە قىلماق؛ ئىش باشلىنىش بىلەنلا غەلىبە قازانماق.
ھە دېگەندىلا ھەيۋە قىلماق؛ ھە دېگەندىلا پوپوزا قىلماق.
ھە دېگەندىلا ئۆزىنى كۆرسىتىپ قويماق؛ باشتىلا ھەيۋە قىلپ، قارشى تەرەپنى قورقۇتۇۋەتمەك؛ دەسلەپتىلا شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىپ، قارشى تەرەپنىڭ روھىنى چۈشۈرۈۋەتمەك.
ھەرەڭ ئىتتىك بولسا، دەرەخنىڭ يوغان بولۇشىدىن قورقما.
ھەرە ئۆلۈش ئالدىدا قاتتىق چاقىدۇ.
ھەر بىر تال گىياھ.
ھەر بىر سۆز، ھەر بىر ھەرىكەت.
ھەر بىر سۆز-ئىبارە ئۈستىدە قايتا-قايتا باش قاتۇرماق؛ سۆز ئىبارىلەرنى زىللىق بىلەن تاللىماق.