ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ھالسىرىماق؛ ھالىدىن كەتمەك؛ ماغدۇرىدىن كەتمەك؛ ماجالى كەتمەك.
ھالسىزلىق؛ دەرمانسىزلىق؛ ماغدۇرسىزلىق.
ھالغا بېقىپ ھەشەم، داپقا بېقىپ سەنەم.
ھالقىپ ئۆتكىلى بولماسلىق.
ھالىغا باقماسلىق؛ ئۆزىنى چاغلىماسلىق.
ھالىغا باقماي ئۆزىنى چوڭ تۇتماق؛ ئۆزىنى چاغلىماي ماختانچاقلىق قىلماق.
ھالىغا باقماي ئۆزىنى قالتىس چاغلىماق؛ يىڭنە بىلەن قۇدۇق كولىغاندەك.
ھالىغا بېقىپ ئىش قىلماق؛ ھالىڭغا بېقىپ ھال تارت، خالتاڭغا بېقىپ ئۇن.
ھالىغا بېقىپ ئىش قىلماق؛ ئۆزىنى دەڭسەپ كۆرۈپ ئىش قىلماق.
ھالىڭغا بېقىپ ھال تارت، خالتاڭغا بېقىپ ئۇن (تارت)
ھالىنى ئات تارتالماسلىق؛ چوڭچىلىق قىلماق. سولىشىپ كەتمەك؛ چۈشكۈنلۈك؛ روھسىزلىق.
ھالىنى ئات تارتالمايدىغان، ھوقۇقى چوڭ؛ ھالى چوڭ؛ دىمىغى ئۈستۈن.
ھاۋا بۇزۇلسا يامغۇر ياغىدۇ، قىز چوڭ بولسا ئەرگە تېگىدۇ.
ھاۋاغا كۆتۈرۈلمەك؛ كۆكتە پەرۋاز قىلماق. كاللا چىڭقالماق.
ھايات قالغان بىر دىنبىر ئادەم؛ ساقلىنىپ قالغان بىردىنبىر نەرسە؛ تەۋەرۈك بولۇپ قالماق.
ھايات-ماماتتا بىللە بولماق؛ باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرمەك.
ھايات-ماماتتا بىللە بولماق؛ تەقدىرداش بولماق.
ھايات-ماماتقا مۇناسىۋەتلىك.
ھايات-ماماتلىق ئېلىشىش؛ يا سەن تۇر، يا مەن تۇراي.
ھايات-ماماتلىق؛ يا ئۆلۈم-يا كۆرۈم.