ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
كىتاب ئۆيگە تولۇپ كەتمەك؛ كىتاب تاغدەك دۆۋىلەنمەك.
كىچىدە كۆرۈنگەن چىراقتەك ئېنىق؛ بەش قولدەك ئېنىق كۆرۈنمەك.
كىچىك بالا ئەقىللىق بولسىمۇ ئاتا بولالماس.
كىچىك بالا يالغان كېسەل بولۇۋالماس.
كىچىك بالا يالغان گەپ قىلماس.
كىچىك بېلىق چوڭ دولقۇن ھاسىل قىلالماس.
كىچىك خاتالىقى ئۈچۈن جازا بىرىشتىن مەقسەت چوڭ خاتالىقتىن ساقلىنىدىغان قىلش.
كىچىك قەپەسدە چوڭ قوشنى باققىلى بولماس.
كىچىككىنە ئارتۇقچىلىق؛ ئارتۇق بىر ھۈنەر.
كىچىككىنە پايدا؛ ئازغىنا ھايان؛ ساقالغا يېپىشقان چۆپ.
كىچىككىنە تاش، يارىدۇ باش.
كىچىككىنە كەكە بىلەن يوغان دەرەخنىمۇ كېسىپ يىقىتقىلى بولىدۇ.
كىچىككىنە ئۇتۇق؛ ئەرزىمەس نەتىجە.
كىچىك ھەم چىرايلىق؛ ئەپچىل؛ نەپس
كىچىك ئېرىققا چوڭ كېمە پاتماس.
كىچىكىدە يىپ ئوغرىلىغان چوڭ بولغاندا ئارغامچا ئوغرىلايدۇ.
كىچىكىدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان ئوغۇل-قىزلار.
كىچىك ئىش ئەمەس؛ سەل چاغلىغىلى بولمايدىغان چوڭ ئىش.
كىچىك ئىشقا سەۋەر-تاقەت قىلمىساڭ، چوڭ ئىشنى بۇزىسەن؛ كىچىك ئىشقا يول قويمىساڭ، چوڭ ئىشقا دەخلى يەتكۈزىسەن.
كىچىك ئىشنى چوڭايتىۋەتمەك؛ غېرىچنى غۇلاچ قىلىۋەتمەك. ئەرزىمەس ئىشقا داۋراڭ سالماق.