ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
كۈتۈلمىگەن ۋەقە؛ كۈتۈلمىگەن يەردە چاتاق چىقماق؛ بىرەر بالاغا ئۇچرىماق.
كۈتۈلمىگەن يەردىن چىقماق؛ كۈتۈلمىگەندە.
كۈچ بىرلىكتە، ئىش ئۆملۈكتە.
كۈچ توپلاپ، ھالسىرىغان دۈشمەننى كۈتمەك؛ راسلىنىپ تۇرۇپ، ھالسىرىغان دۈشمەنگە زەربە بەرمەك.
كۈچ توپلىماق؛ ماغدۇر يىغماق؛ دەم ئېلىپ دەرمان توپلىماق .
كۈچ-قۇۋۋەتكە تولغان؛ ياش ۋە كۈچلۈك؛ قىران چاغلار.
كۈچلۈك دۈشمەنگە دۇچ كەلگەندەك.
كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى بوزەك قىلماق؛ ئۆزىنىڭ كۈچلۈكلىكىگە تايىنىپ ئاجىزلارنى ئانىي تاپماق.
كۈچلۈك ئوتتا ئالتۇن تاۋلىنار، كەسكىن كۈرەشتە باتۇر (تاۋلىنار).
كۈچلۈكىدىن ئەگىپ ئۆتۈپ، ئاجىزىغا زەربە بەرمەك؛ ئەمىلىي ئىشتىن ئۆزىنى تارتىپ، قۇرۇق گەپ ساتماق.
كۈچنى ئاۋۋال مۇھىم تەرەپكە سەرپ قىلماق؛ چوڭ تەرەپتىن تۇتۇش قىلماق.
كۈچى تەڭ كېلىپ قالماق.
كۈچىگە تايىنىپ، ئاجىزلارنى بۆزەك قىلماق.
كۈچىگە تايىنىپ، خەقنى بوزەك قىلماق؛ ھوقۇقىغا تايىنىپ، كىشىلەرنى ئانىي تاپماق.
كۈرەش ئىرادىسى ئۈستۈن.
كۈرمىڭ جاپا-مۇشەققەت ۋە خەۋپ-خەتەر.
كۈز شامىلى غازاڭنى سۈپۈرگەندەك. قۇدرەتلىك كۈچ بىلەن چىرىكلىكنى يوقاتماق.
كۈلەلمىگىنىڭگە ھىجايما.
كۈلكە بولۇپ بەرمەك؛ كۈلكىگە قالماق؛ كۈلكىلىك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالماق.
كۈلكە بىلەن يىغا قوشكېزەك.