ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
كېسەللىك ئېغىزدىن كىرەر، سوغۇق پۇتتىن.
كېسەلنى داۋالاپ، ئادەمنى قۇتقۇزماق.
كېسەلنى ئۆلۈم گىردابىدىن قۇتۇلدۇرماق؛ شىپالىق قول؛ ئۇستا تىۋىپ؛ ماھىر دوختۇر.
كېسەل ئېغىزدىن كىرىدۇ، بالا-قازا ئېغىزدىن چىقىدۇ.
كېسىلىڭگە قاراپ دورا يە.
كېسىلىڭنى يوشۇرساڭ ئۆلۈمۈڭ ئاشكارا.
كېسىلىنى يوشۇرۇپ، داۋالىنىشتىن باش تارتماق؛ تېۋىپتىن قېچىپ ، مېيىپنى يوشۇرۇپتۇ.
كېلىشتۈرۈپ سىزماق؛ سۈرەتكە جان كىرگۈزىۋەتمەك؛ جانلىق قىلىپ تەسۋىرلىمەك.
كېمە ياساشقا مىڭ كۈن، دەريادىن ئۆتۈشكە بىر كۈن.
كېمنىڭ كۈچى يەلكەندە، ئادەنىڭ كۈچى يۈرەكتە.
كېمىگە بەلگە قويۇپ، خەنجەر ئىزدىمەك.
كېمىنى سۇنىڭ ئېقىشىغا قارشى ھەيدىمەك؛ ئېقىمغا قارشى ھەرىكەت قىلماق.
كېيىڭ يەي دېسەڭ تاغدا تۇر، مېۋە يەي دېسەڭ باغدا (تۇر).
كېيىنكىلەرگە بالايىئاپەت قالدۇرماق.
كېيىنىكى ئىپادىسىگە قارىماق.
كېيىن يېتىلگەن ئەزىمەت.
كىتابتا يوق سۆز؛ يازما ئاساسى يوق سۆز.
كىتابتىن نەپ چىقىدۇ؛ كىتاب كۆرۈش پايدىلىق.
كىتابلارنى كۆيدۈرۈپ، ئۆلىمالارنى ئۆلتۈرمەك.
كىتابنىڭ سۆز-ئىبارىلىرىنى ئۈزۈۋالماق.