ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
كىرپىك قاقماي چىقماق؛ كۆز يۇمماي چىقماق.
كىرمەيدىغان تۆشۈكى يوق؛ ھەرقانداق پۇرسەتتىن پايدىلانماق.
كىرىچنىڭ سايىسى جامدا يىلان كۆرۈنۈپتۇ؛ ئۆزسايىسىدىن ئۈركۇمەك؛ قورققانغا قوش كۆرۈنەر.
كىرىدىغان تۆشۈك يوق؛ كىرگۈدەك يوچۇق يوق؛ پايدىلانغۇدەك پۇرسەت بولماسلىق پايدىلانغۇدەك پۇرسەت قالدۇرماسلىق.
كىرىمنى ئاشۇرۇپ، چىقىمنى تېجىمەك.
كىرىمىگە قاراپ چىقىم قىلماق؛ يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنماق.
كىشنىڭ ئەيىبىنى ماڭا دېگەن كىشى، مېنىڭ ئەيىبىمنىمۇ كىشىگە دەر.
كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالماق.
كىشىگە ئارىلاشماسلىق؛ جىمغۇرلۇق؛ كەم سۇخەنلىك؛ سوغۇق نەپەسلىك؛ سوغۇق مۇئامىلىلىك.
كىشىگە باھانە تېپىپ بەرمەك؛ كىشىگە دەستەك بولۇپ بەرمەك؛ سۆزدە تۇتۇلۇپ قالماق.
كىشىگە قىلساڭ يامانلىق، ساڭىمۇ يوقتۇر ئامانلىق.
كىشىگە قىلساڭ يامانلىق، ساڭىمۇ يوقتۇر ئامانلىق
كىشىگە قىلمىساڭ يامانلىق، كۈنۈڭ ئۆتەر ئامانلىق.
كىشىگە مەدەتكار بولماق؛ يار-يۆلەك بولماق؛ ھەمدەم بولماق؛ بىراۋنىڭ مەقسىدىگە يېتىشىگە ياردەم بەرمەك.
كىشىگە يالۋۇرغۇچە ئۆزۈڭگە يالۋۇر.
كىشىلەر بىر ئائىلىدەك ئىناق ياشىماق؛ دۆلەت بىرلىككە كەلمەك.
كىشىلەر رايىنىڭ مايىل ياكى مايىل ئەمەسلىكى.
كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالماق؛ كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر ئورناشماق.
كىشىلەر كۆڭلىنىڭ مايىللىقى؛ خەلقنىڭ ئۈمىد-ئارزۇسى.
كىشىلەرگە باھا بەرمەك.