ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
كۆڭۈلدىلا چۈشىنىپ، سۆز بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلمەسلىك؛ چۈشىنىشكە بولىدىغان، چۈشەندۈرۈشكە بولمايدىغان.
كۆڭۈلسىز ئايرىلماق؛ كۆڭلى يېرىم قايتماق.
كۆڭۈل مالال بولماق؛ كۆڭۈل بىسەرەمجان بولماق؛ كۆڭۈل بىئارام بولماق.
كۆڭۈلنى ئىككىگە بۆلگىلى بولماس.
كۆڭۈل يايراپ كەتمەك؛ ئېچىلىپ-يېيىلىپ كەتمەك؛ باش كۆككە يەتمەك؛ روھلىنىپ كەتمەك.
كۆلەڭگىدەك ئەگىشىپ يۈرمەك؛ بىردممۇ ئايرىلماسلىق.
كۆلدە بېلى قالمىغاندا، كۇمۇتىمۇ چوڭ كۆرۈنىدۇ.
(كۆلنى قۇرۇتۇپ بېلىق تۇتماق (يىراقنى كۆزدە تۇتماي، كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتنىلا كۆزلەشكە تەمسىل قىلىنىدۇ.
كۆۋرۈك بولمىسا دەريادىن ئۆتكىلى بولماس، شوتا بولمىسا ئۆگزىگە چىققىلى بولماس.
كۆۋرۈكنى ئۇياققا سېلىپ قويۇپ، بۇياقتىن ئۆتۇپ كەتمەك؛ ئۇ ياقتىن شەپە بېرىپ قويۇپ، بۇياقتىن ئۆتۈپ كەتمەك.
كۆيدۈرۈۋەتمەك؛ كۆيۈپ كەتمەك.
كۈپكە سولانغان تاشپاقىدەك بولۇپ قالماق؛ قەپەزگە چۈشكەن قۇشقاچتەك بولۇپ قالماق.
كۈپكۈندۈزدە؛ خەلقئالەم ئالدىدا.
كۈپكۈندۈز؛ كۈپكۈندۈزدە. ھەممىگە ئايان.
كۈپ ئىچىدىكى تاشپاقىنى تۇتماق؛ قولىدىكى نەرسە؛ قېچىپ كېتەلمەيدىغان نەرسە.
كۈتمىگەن يەردىن چىقماق؛ ئويلىمىغان يەردىن چىقماق.
كۈتمىگەن يەردىن چىقىپ قالماق؛ ئويلىمىغان يەردىن چىقىپ قالماق.
كۈتۈلمىگەن بالا-قازا؛ كۈتۈلمىگەن ئوڭۇشسىزلىق؛ كۈتۈلمىگەن پېشكەللىك.
كۈتۈلمىگەن خۇشاللىق؛ كۈتۈلمىگەن خوش خەۋەردىن شادلىنىپ كەتمەك.
كۈتۈلمىگەن ئۆزگىرىش؛ ئۇڭۇشسىزلىققا ئۇچرىماق.