ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
كۈنلەر ئۆتۈپ، سۇلار ئېقىپ تۇرغاندەك؛ مەڭگۈ ئۆزگەرمەسلىك.
كۈنلۈك يولغا چىقساڭ، ئايلىق ئوزۇق ئېلىۋال.
كۈنمۇ كۈن، ئايمۇ ئاي ئاشۇرۇپ بارماق؛ ئاز-ئازدىن توپلاپ بارماق.
كۈنمۇ كۈن، ئايمۇ ئاي ئىلگىرىلەپ بارماق.
كۈن نۇرىنى توسۇۋالماق؛ ئاسماننى قاپلىماق.
كۈننى ئېتەك بولغان توسقىلى بولماس.
كۈننى ئېتەك بىلەن توسقىلى بولماس.
كۈن ئۆتكۈزۈشنىڭلا كويىدا بولماق؛ بولسا بولار، بولمىسا ئىز پۇلى بولار.
كۈنى تۈگىمەك؛ زاۋال تاپماق؛ جېنى تۇمشۇقىغا كېلىپ قالماق.
كۈنىنى ئالماق؛ جېنىنى جان ئەتمەك.
كېچە-كۈندۈز؛ كۈننى تۈنگە ئۇلاپ؛ كېچە-كۈندۈزلەپ.
كېچىدە يول يۈرسە تۆت پۇتلۇق ئاتمۇ پۇتلىشىپ يىقىلار.
كېچىكىپ تونۇشقانلىقىدىن ھەسرەتلەنمەك؛ بۇرۇنراق تونۇشمىغانلىقىغا ئەپسۇسلانماق.
كېچىلىرى يېتىپ، ئويغا پاتماق؛ خىيال سۈرمەك.
كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ؛ كېچە-كۈندۈز دېمەي.
كېسەل پاتمانلاپ كىرىپ، مىسقاللاپ چىقار.
كېسەل دەردىنى كۆپ تارتقان تېۋىپ بولۇر.
كېسەلگە قاراپ دورا بەرمەك.
كېسەلگە قاراپ رېستىپ ياز. كېسەلىگە قاراپ دورا بەر.