ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
كۈلكىسىنى باسالماسلىق؛ ئۆزىنى باسالماي كۈلمەك.
كۈلگەك قىزغا يىگىت ئەگىشەر، چىچقاق بالىغا ئىت.
كۈلنى پۈف دېگەنچىلىكمۇ كۈچ سەرپ قىلماسلىق؛ ھېچقانچە كۈچىمەيلا؛ ئاسانلا.
كۈلۈپ تۇرغانغا مۇشت ئاتما.
كۈلۈپلا ئۆتكۈزىۋەتمەك؛ كۈلۈپلا قويماق.
كۈل ئېچىلىدۇ قايتا-قايتا ۋە لېكىن، ھايات كەتسە كەلمەس ھەرگىز قايتىدىن.
كۈلىنى كۆككە سورۇماق؛ كۇمپەيكۇم بولماق.
كۈن بويى تىرىشچانلىق ۋە ئىخلاسمەنلىك بىلەن ئىشلىمەك.
كۈن بويى سىياسىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش بىلەن مالال بولماق؛ كۈنى ھۆكمەت ئىشى بىلەن ئالدىراش ئۆتمەك.
كۈن چىقىشتا ئۇتتۇرۇپ، كۈن پېتىشتا ئۇتماق؛ سەھەرنىڭمۇ كەچلىكى بار، يېڭىلمەكنىڭ يەڭمىكى بار.
كۈندۈزى گەپ قىلساڭ ئەتراپڭىغا باق، كېچىسى گەپ قىلساڭ قۇلاقنى قۇلاققا ياق.
كۈندۈزى گەپ قىلساڭ ئەتراپىڭغا باق، كېچىسى گەپ قىلساڭ قۇلاقنى قۇلاققا ياق.
كۈندىن-كۈنگە بەتتەرلەشمەك؛ كۈندىن-كۈنگە خارابلاشماق؛ كۈندىن-كۈنگە ئۇساللاشماق.
كۈندىن-كۈنگە كۈچەيمەك؛ بارغانسىرى كۆپەيمەك؛ كۈنسايىن ئۆسمەك.
كۈندىن-كۈنگە يۈكسەلمەك؛ كۈنسايىن ئۆرلىمەك؛ بارغانسېرى راۋاجلانماق.
كۈن ساناپ يېڭىلىنىپ تۇرماق؛ كۈندىن-كۈنگە يېڭى ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلمەك؛ كۈندىن-كۈنگە باشقىچە بولۇپ بارماق؛ كۈندىن-كۈنگە يېڭىلانماق.
كۈن كۆرمىگەن كۈچۈك كۈننى كۆرۈپ ھاۋشىپتۇ؛ ئاز كۆرگەن كۆپ تېڭىرقاپتۇ.
كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن؛ كۈن ئۆتۈپ، ئاي ئۆتۈپ؛ ئۇزۇن زامان ئۆتۈپ .