ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
كۆڭۈل ئاغرىقىنى كۆڭۈل بېرىپ ئال.
كۆڭۈل بۆلمەسلىك؛ كارى بولماسلىق.
كۆڭۈل بىر يەردە بولماسلىق؛ دىققەت چېچىلىپ كەتمەك؛ كۆڭۈل ھەر يەردە بولماق.
كۆڭۈل بىلەن قول ماسلاشماق؛ كۆڭۈل نېمىنى ئويلىسا، قول شۇنى قىلماق؛ ئىشقا پىششىق.
كۆڭۈل تەلپۈنمەك؛ كۈچلۈك ئارزۇ قىلماق؛ قاتتىق ھېرىسلىك قىلماق.
كۆڭۈل توق، قايغۇ يوق؛ كۆڭلى ئازادە، تېنى ساغلام.
كۆڭۈلچەكلىك؛ نېمە دېسە ماقۇل دېمەك؛ ھەممىگە خوپ-خوپ دەپ تۇرماق.
كۆڭۈل چېچىلماق؛ كۆڭۈل پاراكەندە بولماق.
كۆڭۈلدە بولسا ئۇلۇغۋار نىشان، باش ئېگىدۇ ھەيۋەت تاغ-داۋان.
كۆڭۈلدە دىتلاپ قويماق؛ قورساقتا پىلان بولماق.
كۆڭۈلدە نارازى بولماق؛ قورسىقىدا غۇم ساقلىماق.
كۆڭۈلدە يۈكسەك ئىرادە بولماق؛ يۈكسەك ئىرادە؛ ئۇلۇغ غايە؛ غايىلىك.
كۆڭۈلدىكىدەك بولماق؛كۆڭۈلگە ياقماق.
كۆڭۈلدىكىدەك؛ پۇخادىن چىقماق.
كۆڭۈلدىكىدەك قوماندانلىق قىلماق؛ ماھىرلىق بىلەن قوماندانلىق قىلماق.
كۆڭۈلدىكى گېپىنى دېمەسلىك؛ راست گېپىنى ئېيتماسلىق؛ دىلى باشقا؛ سۆزى باشقا بولماق؛ چىن دىلدىن چىقمىغان سۆز.
كۆڭۈلدىكى ئوي-پىكىر بىلىنىپ تۇرماق؛ ئىككەيلەن (ئىككى تەرەپ) نىڭ كۆڭلى بىر-بىرىگە ئايان بولماق.