ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
كۆزگە چېلىقسا يۈرەك تىتىرەيدىغان؛ يۈرەكنى جىغىلتىدىغان.
كۆزگە چېلىقىپ تۇرسىمۇ كارى بولماسلىق؛ كۆرۈپ تورۇپ كۆرمەسلىككە سالماق.
كۆزگە دائىم چېلىقىپ تۇرماق؛ دائىم ئۇچراپ تۇرماق.
كۆزگە قادالغان مىخ، بەدەنگە سانجىلغان تىكەن.
كۆزگە ئىلماسلىق؛ مەنسىتمەسلىك؛ پەس كۆرمەك.
كۆزگە ئىلمىغان پۇتقا چوماق.
كۆزگە ئىلىمىغان پۇتقا چوماق.
كۆزلەر بىردەك تىكىلمەك؛ ھەممە تىكىلىپ قاراپ تۇرماق.
كۆزنى چاقناتماق؛ كۆزنىڭ يېغىنى يېمەك.
كۆزنى يۈمۈپ، قۇلاقنى يوپۇرىۋالماق؛ كۆز-قۇلاقنى ئېتىۋالماق.
كۆز ئويغاننىڭ كۆزىنى ئوي، چىش چاققاننىڭ چىشىنى چاق؛ قانغا قان، جانغا جان ئالماق.
كۆز ئۈزمەسلىك؛ كۆز ئۈزمەي قارىماق؛ سىنچىلاپ قارىماق.
كۆزۈڭ ھەرقانچە ئۆتكۈر بولسىمۇ قۇلىقىڭنى كۆرەلمەيسەن.
كۆزى بارلار كۆرۈپ تۇرۇپتۇ؛ ھەممىگە ئايان؛ ھەممىگە مەلۇم.
كۆزىدىن نۇر چاقناپ تۇرماق.
كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا قارىماق؛ تىك قارىيالماسلىق؛ ئۇدۇل قارىيالماسلىق.
كۆزىنىڭ يېغىنى يەيدىغان؛ ئادەمنى مەپتۇن قىلىدىغان.
كۆزىنىڭ يېغىنى يەيدىغان؛ كۆزنى چاقنىتىدىغان.
كۆزىنى يۇمۇۋېلىپ قۇشقاچ تۇتقىلى بولماس.