ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
كۆڭلى بىئارام بولماق؛ كۆڭلى مالال بولماق؛ كۆڭلى پاراكەندە بولماق.
كۆڭلى پاراكەندە بولماق؛ ئىچى تىت-تىت بولماق؛ كۆڭلى پەرىشان بولماق.
كۆڭلى پاللىدە يۇرۇپ كەتمەك.
كۆڭلى تۈز، ئاغزى ئىتتىك؛ قورسىقىدا گەپ ياتمايدىغان؛ كۆڭلىدە نېمە بولسا دەۋېرىدىغان.
كۆڭلىدە دىتلاپ قويماق؛ كۆڭۈلدە پىلان بولماق.
كۆڭلىدە سان بولماق؛ كۆڭلىدە مۆلچەر بولماق؛ كۆڭلىدە پىلان بولماق.
كۆڭلىدە يامانلىق ساقلىماق؛ ئىچىدە زەھەر قاينىماق؛ ئىچىدە توڭگۇز قاترىماق.
كۆڭلىدىكىنى ئېيتىشقا جۈرئەت قىلالماسلىق؛ ئەينى ئەھۋالنى ئېيتىشقا ئوڭايسىزلانماق؛ تىل قىسىنچىلىقى تارتماق؛ ئېيتىشقا پېتىنالماسلىق.
كۆڭلى سوۋۇماق؛ روھى چۈشمەك؛ ئۈمىدسىزلەنمەك؛ رايى قايتماق.
كۆڭلى سۇۋۇماق؛ رايى قايتماق؛ روھى چۈشمەك؛ بوشاپ كەتمەك؛ ئۆزىنى تاشلىۋەتمەك.
كۆڭلى سۇۋۇماق؛ رايى قايتماق؛ روھى چۈشمەك؛ بوشاپ كەتمەك؛ ئۆزىنى تاشلىۋەتمەك. مۇ دېيىلىدۇ.
كۆڭلى غەش بولسا، تامىقى لەش بوپتۇ؛ تاماق ئېغىزا تېتىماسلىق.
كۆڭلى غەش بولماق؛ كۆڭلى پەرىشان بولماق.
كۆڭلى قارا بەگ بولۇر، زالىم پادىشاھ (بولۇر).
كۆڭلى قاراڭغۇلاشماق؛ زېھنى تۇتۇلۇپ قالماق؛ ئاڭقىرالماي قالماق.
كۆڭلى قىيماسلىق، مېھرىنى ئۈزەلمەسلىك؛ ئايرىلغۇسى كەلمەسلىك.
كۆڭلىنى تۇتالماسلىق؛ دىلىنى بىر يەرگە جەم قىلالماسلىق؛ شاختىن-شاخقا قونۇپ يۈرمەك.
كۆڭلى يۇمشاق؛ دىلى نازۇك؛ مىسكىن.
كۆڭۈل ئازادە، كەيپ چاغ بولماق؛ روھى كۆتۈرەڭگۈ بولماق؛ كۆڭۈل ئېچىلماق.
كۆڭۈل ئازادىلىك كېسەلدىن خالىي قىلۇر.